Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 4:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ قىياپىتى يېشىل قاشتاش ۋە قىزىل كۋارتسقا ئوخشايتتى. زۇمرەتنى ئەسلىتىدىغان بىر ھەسەن-ھۈسەن تەختنى ئوراپ تۇراتتى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 4:3
13 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولىدىغان ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشايتتى. ئەتراپىدىكى پارلىغان نۇرنىڭ كۆرۈنۈشىمۇ شۇنداق ئىدى. بۇ نۇر پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا ئوخشايتتى. مەن بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم ۋە ئارقىدىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.


شەھەر خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ جۇلاسى ئىنتايىن ئېسىل بىر گۆھەرنىڭ، يېشىل قاشتاشتەك يالتىرىغان خرۇستالنىڭ جۇلاسىغا ئوخشايتتى.


ئاندىن كېيىن، ئەرشتىن چۈشۈۋاتقان يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇتنى يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. يۈزى قۇياشقا، پۇتلىرى بولسا ئوت تۈۋرۈكىگە ئوخشايتتى.


سەن مېنىڭ ئېرەم بېغىمدا ياشايتتىڭ. سەن قىزىل ياقۇت، توپاز، ئالماس، سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق، قىزىل ھېقىق، كۆك ياقۇت، فىرۇزە ۋە زۇمرەت قاتارلىق قىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزەلگەنىدىڭ، زىبۇ-زىننەتلىرىڭ ئالتۇندىن ئىدى. بۇ نەرسىلەر سەن ئاپىرىدە بولغان كۈندە ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولۇنغانىدى.


ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى سۇپىنىڭ ئۈستىدە كۆك ياقۇتتىن ياسالغان تەختكە ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. تەختكە ئوخشايدىغان ئۇ نەرسىدە ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرى ئولتۇراتتى.


ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى كۆردى! ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئاسمانغا ئوخشاش سۈپسۈزۈك كۆك ياقۇت پايانداز بار ئىدى.


ئىككىنچى قۇرىغا فىرۇزە، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس قادىدى.


ئىككىنچى قۇرىغا فىرۇزە، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس قادالسۇن.


ئۇززىيا پادىشاھ ۋاپات بولغان يىلى، مەن كۆكتە يۈكسەك تەختتە ئولتۇرغان ئىگەمنى كۆردۈم. ئۇنىڭ لىباسىنىڭ ئېتىكى ئىبادەتخانا ئىچىگە تولغانىدى.


غايىبانە ئالامەتتە مەن كېرۇبلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى سۇپىدا كۆك ياقۇتتىن ياسالغان تەختكە ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى كۆردۈم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite