ۋەھىيلەر 3:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 مەن غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇردۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ غەلىبە قىلغۇچىلارغا تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. Gade chapit la |
ئاندىن، تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ بەلگىسى پېشانىسىگە ۋە قوللىرىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرەتتى.