14 - لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«ئامىن ئاتالغۇچى، يەنى سادىق ۋە ئىشەنچلىك گۇۋاھچى، خۇدا ياراتقان مەۋجۇداتلارنىڭ مەنبەسى مۇنداق دەيدۇ:
ئەيسا مەسىھ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان خۇدانىڭ ئوبرازىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلاردىن بۇرۇن مەۋجۇت بولغان بولۇپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى،
ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىدىن ئىبارەت بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى ۋە ئۇنىڭ بەرپا قىلغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن پۈتكۈل مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈككە تىرىلدۈرۈلگەن.
خۇدانىڭ پۈتۈن ۋەدىلىرى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق «ئامىن» دەپ، خۇدانى ئۇلۇغلايمىز.
- فىلادېلفىيىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك، قولىدا داۋۇتنىڭ ئاچقۇچى بولغان، ئىشىكنى ئاچسام ھېچكىم ياپالمايدۇ، ياپسام ھېچكىم ئاچالمايدۇ دېگۈچى مۇنداق دەيدۇ:
باش ۋە ئاخىر، تۇنجى ۋە ئاخىرقى، مۇقەددەم ۋە تامام مەن بولىمەن.»
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاسماننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە تۇرغان بىر ئاق ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «سادىق» ۋە «ھەق» ئىدى. ئۇ ئادىل ھۆكۈم ۋە ئادىل جەڭ قىلاتتى.
ئۇلار يەرەمىياغا جاۋاب بېرىپ: _ ئەگەر بىز پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىزگە ئېيتقىنى بويىچە ئىش قىلمىساق، پەرۋەردىگار بىزگە ھەققانىي ۋە ئىشەنچلىك گۇۋاھچى بولسۇن ۋە بىزنى جازالىسۇن.
زېمىندا بەخت تىلىگۈچىلەر مەن ھەقىقىي خۇدانىڭ نامى بىلەن بەخت تىلەيدۇ، زېمىندا قەسەم قىلغۇچىلار مەن ھەقىقىي خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ. چۈنكى بۇرۇنقى ئېغىر كۈنلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ، كۆز ئالدىمدىن غايىب بولىدۇ.»
پەرۋەردىگار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مېنى ئۆز ئىشلىرىنى باشلىشىدىن بۇرۇنلا، ھەممە مەۋجۇداتلارنىڭ ھېچ نېمىنى يارىتىشتىن بۇرۇنلا،
پەرىشتە ماڭا: - بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە ھەقتۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ روھىغا ئىلھام بەرگەن پەرۋەردىگار خۇدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، - دېدى.
ئۇ يەنە: «تامام بولدى. باش ۋە ئاخىر، مۇقەددەم ۋە تامام ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغانلارغا ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز سۇ بېرىمەن.
بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، يەنى ئەفەس، ئىزمىر، پەرگاما، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيا شەھەرلىرىگە ئەۋەت» دېگەنىدى.
- ئەفەستىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇزنى تۇتۇپ، يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭغۇچى مۇنداق دەيدۇ:
بۇ خەت ئاراڭلاردا ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىچىدىمۇ ئوقۇلسۇن. سىلەر يەنە لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يازغان خېتىمنىمۇ ئوقۇڭلار.
مېنىڭ سىلەر ۋە لائودىكىيا شەھىرىدىكىلەر ھەمدە مېنى تېخى كۆرمىگەن باشقا كىشىلەر ئۈچۈن قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىمنى بىلىشىڭلارنى خالايمەن.
بەرھەق، مەن داۋۇتنى ئەللەرنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمران ۋە يېتەكچى سەردار قىلىپ، ئۇ ئارقىلىق كۈچ-قۇدرىتىمنى نۇرغۇن ئەللەرگە نامايان قىلدىم.
ئەي رۇبېن، سەن تۇنجى ئوغلۇمسەن، سەن كۈچ-قۇدرىتىمسەن. قۇۋۋىتىمنىڭ تۇنجى مېۋىسىسەن، ئوغۇللىرىم ئىچىدە ئەڭ غۇرۇرلۇقى ۋە كۈچلۈكى سەن.
ئۇ ئادەم ياخشى كۆرمەيدىغان ئايالىدىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلىغا ئىككى كىشىلىك مىراس بەرسۇن. چۈنكى تۇنجى ئوغلى ئۇ ئادەمنىڭ قىران ۋاقىتلىرىدا تاپقان بالىسى بولۇپ، تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسۇن.
ئاغزىدىن يالغان سۆز چىقماس سادىق گۇۋاھچىنىڭ، تىنىقىدىن يالغانچىلىق چىقىپ تۇرار ساختا گۇۋاھچىنىڭ.
ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى. ھېچقانداق مەۋجۇدات ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - مەن ئۆزۈمگە گۇۋاھلىق بېرىپ سۆزلىسەممۇ، سۆزلىرىم ھەقتۇر، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن، سىلەر بۇنى بىلمەيسىلەر.