Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 3:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 غەلىبە قىلغۇچىنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈۋرۈك قىلىمەن. بۇنداق ئادەم ئۇ يەردىن ئەسلا كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا خۇدايىمنىڭ نامىنى، خۇدايىمنىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى، يەنى ئەرشتىن - خۇدانىڭ يېنىدىن چۈشىدىغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ نامىنى ۋە مېنىڭ يېڭى نامىمنى يازىمەن.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 3:12
26 Referans Kwoze  

ئۇلار خۇدانىڭ جامالىنى كۆرىدۇ، خۇدانىڭ نامى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىگە يېزىلىدۇ.


مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدا نازىل قىلغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن خۇددى ئۆز يىگىتىگە پەردازلىنىپ ھازىرلانغان قىزدەك چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.


ئاندىن، قوزىنىڭ سىئون تېغى ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ يېنىدا پېشانىسىگە قوزىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى يېزىلغان 000،144 كىشى بار ئىدى.


جامائەتچىلىكنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلانغان ياقۇپ، پېترۇس ۋە يۇھاننالار بۇ ۋەزىپىنىڭ خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكىنىدە، ئۇلار مېنى ۋە بارنابانى قوبۇل قىلىپ، ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بىز خىزمەت قىلىدىغان، يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولسا ئۇلار خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق.


قارا، بۈگۈن مەن سېنى خۇددى مۇستەھكەم شەھەردەك، تۆمۈر تۈۋرۈكتەك ۋە تۇچتىن سوقۇلغان سېپىلدەك كۈچلۈك قىلدىم. سەن پۈتۈن يەھۇدىيەگە، يەنى ئۇنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمەلدارلىرى، روھانىيلىرى ۋە خەلقىگە قارشى تۇرىسەن.


مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت. غەلىبە قىلغۇچىلارغا ساقلاقلىق ماننادىن بېرىمەن. ئۇلارغا يەنە بىردىن ئاق تاش ۋە بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان يېڭى بىر ئىسىمنى، يەنى بۇنى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىسىمنى بېرىمەن.»


سىلەر سىئون تېغىغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا تەئەللۇق - ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا كەلدىڭلار. ئۇ ھېيت-مەرىكە خۇشاللىقىغا چۆمگەن ئون مىڭلىغان پەرىشتىلەر يىغىلغان،


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى _ خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، كۆرگىنىمىز بولدى خۇددى ئاڭلىغىنىمىزدەكلا. خۇدا مۇستەھكەم قىلار بۇ شەھەرنى مەڭگۈگە. سېلاھ


ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇداغا مەنسۇپ، سىلەر ساختا پەيغەمبەرلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار. چۈنكى، سىلەردىكى مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بۇ دۇنيادىكى شەيتاننىڭ كۈچىدىن ئۇلۇغدۇر.


بۇ تۈۋرۈكلەر ئايۋاننىڭ ئالدىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكى تۈۋرۈككە «ياكىن» [مەنىسى «خۇدا تىكلەيدۇ»]، سول تەرەپتىكى تۈۋرۈككە «بوئاز» [مەنىسى «خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن»] دەپ نام بېرىلدى.


مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت! غەلىبە قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ جەننىتىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىنى يېيىش ھوقۇقىنى بېرىمەن.»


شەھەر سېپىلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 9 كىلومېتىر بولسۇن. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى «ياھۋەھ شامماھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار مۇشۇ يەردىدۇر»] دەپ ئاتالسۇن.


مەن تاللىغان خەلقىم ئىسمىڭلارنى ئاتاپ قارغايدۇ، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن، لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمغا يېڭى ئىسىم قويىمەن.


دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا غەلىبە قىلىدۇ، چۈنكى قوزا رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتىكىلەر چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر.


ئەي خۇدانىڭ شەھىرى، شەرىپىڭگە پۈتۈلمەكتە ئۇلۇغ ئىشلار. سېلاھ


باردۇر ئېقىنلىرى شادلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر دەريا، خۇدانىڭ شەھىرى _ ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماكانىغا.


ئەي يېرۇسالېم، ھەممە ئەللەر سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى، ھەممە پادىشاھلار شان-شەرىپىڭنى كۆرىدۇ. سەن يېڭى نامغا ئىگە بولىسەن، بۇ نامنى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن قويىدۇ.


يەر-يۈزىدە مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان شەھىرىمىز يوق. بىز كەلگۈسىدىكى شەھەرگە ئىنتىلمەكتىمىز.


مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت. غەلىبە قىلغۇچىلار ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ زىيىنىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ.»


غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق تون كىيىدۇ. ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن. ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن.


پۇل ئېلىپ كېلىندى، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟ - دەپ سورىدى. - رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ، - دېيىشتى ئۇلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite