8 بۇلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى مەن يۇھاننامەن. بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمدا ۋە كۆرگىنىمدە، بۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن پەرىشتىگە سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويدۇم.
ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئايىغىغا باش قويدۇم. لېكىن، ئۇ: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدۇر، - دېدى.
مەزكۇر كىتاب ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسىدۇر. خۇدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە بۇ ۋەھىينى چۈشۈردى. مەسىھ بۇنى ئۆز پەرىشتىسى ئارقىلىق خىزمەتكارى يۇھانناغا ئايان قىلدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، دىۋە، دۇنيا پادىشاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ ئاتقا مىنگۈچى ھەم ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن جەم بولغانلىقىنى كۆردۈم.
پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەرگە باش قويۇپ، دانىيالغا تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئادەملىرىگە دانىيالغا ھەدىيە تەقدىم قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىسرىق سېلىش پەرمانىنى چۈشۈردى.
پېترۇس دەرھال ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ: - ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ! مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا بىر ئادەم! - دېدى.
مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام! ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن،