Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 22:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقان بۇ دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە ئون ئىككى قېتىم مېۋىگە كىرىدىغان، يەنى ھەر ئايدا مېۋە بېرىدىغان ھاياتلىق دەرىخى بولۇپ، دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى پۈتكۈل خەلقلەرگە شىپا ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 22:2
20 Referans Kwoze  

ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرىشتە ماڭا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىد ىن باشلانغان، خرۇستالدەك سۈزۈك ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى.


ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.


مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت! غەلىبە قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ جەننىتىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىنى يېيىش ھوقۇقىنى بېرىمەن.»


پەرۋەردىگار خۇدا ئۇ باغدا يەنە مېۋىلىرى شېرىن ۋە چىرايلىق بولغان ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈردى. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە ئىككى تۈپ مېۋىلىك دەرەخ ئۆسكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىرى «ھاياتلىق دەرىخى»، يەنە بىرى «ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە بىلىم بېرىدىغان دەرەخ» ئىدى.


ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغانلار نەقەدەر بەختلىك!


دانالىقنى تۇتۇپ تۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئۇ ھاياتلىق دەرىخىدۇر، دانالىقنى مەھكەم تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر.


كىمدەكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابتىكى بىرەر سۆزنى چىقىرىۋەتسە، خۇدامۇ ئۇنى بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بېرىلىدىغان نېسىۋىسىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.


دۇنيادىكى خەلقلەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا ياشايدۇ. دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى شانۇشەۋكىتىنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ.


ئون ئىككى دەرۋازا ئون ئىككى مەرۋايىت ئىدى، يەنى دەرۋازىلارنىڭ ھەربىرى بىردىن مەرۋايىتتىن ياسالغانىدى. شەھەرنىڭ غول يولى ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن ئىدى.


«خۇدانىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا. چۈنكى، ئۇ مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللاپ، كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى تۇتقۇنلارغا: ˜ئازاد بولىسىلەر!Œ، قارىغۇلارغا: ˜كۆرەلەيدىغان بولىسىلەر!Œ دەپ جاكارلاشقا ئەۋەتتى. خۇدا مېنى ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشكە، خۇدانىڭ خەلقىنى قۇتقۇزۇش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتتى.»


ئەمما مېنىڭ نامىمنى ھۆرمەتلىگەن سىلەرگە بولسا ئادالەتنىڭ قۇياشى چىقىپ، شىپالىق نۇرلىرىنى چاچىدۇ. سىلەر يايلاققا قويۇۋېتىلگەن موزايلاردەك شادلىنىپ، سەكرەپ يۈرىسىلەر.


ئۇ ئادەم يەنە مېنى ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدى شەرققە قارايتتى. قارىسام، ئىبادەتخانىنىڭ بوسۇغىسىنىڭ ئاستىدىن بىر بۇلاق چىقىپ، جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ، ئاندىن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپى بىلەن شەرققە قاراپ ئېقىۋېتىپتۇ.


كۆڭلىگە داۋا بېرىدۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنىڭ، شىپالىق مەلھەم تاڭىدۇ يارىلىرىغا ئۇلارنىڭ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنىڭ ساداقەتسىزلىك كېسىلىنى داۋالايمەن، ئۇلارنى چەكسىز سۆيىمەن، ئۇلارغا بولغان غەزىپىم بېسىلدى.


ئى پەرۋەردىگار، ئەگەر سەن مېنى ساقايتساڭ، مەن ھەقىقىي ساقايغان بولىمەن، ئەگەر سەن مېنى قۇتقۇزساڭ، مەن ھەقىقىي قۇتقۇزۇلغان بولىمەن، مەن سېنىلا مەدھىيەلەيمەن!


سەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى جاھىل، قۇلاقلىرىنى پاڭ، كۆزلىرىنى كور قىل! شۇنىڭدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەس، قۇلاقلىرى ئاڭلىماس، قەلبى چۈشەنمەس بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ شىپا تاپالمايدۇ.


ئۇ كۈن كەلگەندە، ھاياتلىق سۈيى يېرۇسالېمدىن ئېقىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ يېرىمى ئۆلۈك دېڭىزغا، قالغان يېرىمى ئوتتۇرا دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ. بۇ سۇ ياز ۋە قىش پەسلىمۇ مۇشۇنداق ئېقىپ تۇرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite