10 ئۇ ماڭا يەنە: - بۇ كىتابتىكى بېشارەتلىك سۆزلەرنى پېچەتلەپ مەخپىي تۇتما، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتى يېقىندۇر.
ساڭا دېيىلگەن كەچلىك ۋە ئەتىگەنلىك قۇربانلىقلار توغرىسىدىكى بۇ ۋەھىي ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما ھازىر ئۇنى سىر ساقلا، چۈنكى ئۇ ئەمەلگە ئاشقۇچە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.
بۇ ۋەھىيلەرنى ئوقۇپ بەرگەن ۋە ئۇنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتى يېقىندۇر.
دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا. شۇڭا، سىلەر ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سەگەكلىك بىلەن دۇئا قىلىڭلار.
يەتتە گۈلدۈرماما جاۋاب قايتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى خاتىرىلىۋالماقچى بولۇپ تۇراتتىم. بىراق، ئاسماندىن: «يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى خاتىرىلىمە. ئۇلارنى مەخپىي تۇت» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.
مېنىڭ سىلەرگە مەخپىي ئېيتقانلىرىمنى سىلەر ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتىۋېرىڭلار. قۇلىقىڭلارغا پىچىرلاپ ئېيتقانلىرىمنى خەلقىئالەمگە جاكارلاڭلار.
ئۇ مۇنداق دېدى: _ ئەي دانىيال، سەن كېتىۋەرگىن، چۈنكى بۇ سۆزلەر زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىنىپ، مەخپىي تۇتۇلىدۇ.
ئەي دانىيال، سەن ئەمدى بۇ پۈتۈكنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تاكى زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلار ئۈستىدە يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىشىپ، چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ.
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، بۇ ماقالنى ئىسرائىللارنىڭ ئېغىزىدىن يوق قىلىمەن، ئۇلار ئۇنى ئىسرائىلىيەدە ئىككىنچى تىلغا ئالمايدىغان بولىدۇ. سەن ئۇلارغا ئېيت، ھەممە بېشارەتلەر ئەمەلگە ئاشىدىغان كۈنلەرگە ئاز قالدى.
قاراڭغۇ كېچە ئۆتۈپ كەتتى، كۈندۈز، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېقىنلاپ قالدى. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ ساۋۇتىنى كىيىڭلار.
«مەنكى ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە بۇ ئىشلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ نوتىسى ھەم ئەۋلادى مەن بولىمەن. پارلاق تاڭ يۇلتۇزى مەن بولىمەن.»
ئاندىن تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدا ھەر ئىككى يۈزىگە خەت يېزىلغان ۋە يەتتە مۆھۈر بىلەن پېچەتلەنگەن بىر ئورام يازمىنى كۆردۈم.
ھەرقانداق ئادەم ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، ئاخىر زاماندا خۇداغا قارشى چوڭ توپىلاڭ يۈز بەرمىگۈچە ۋە مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى، يەنى «خۇداغا قارشى چىققۇچى» ئاشكارىلانمىغۇچە، بۇ كۈن يېتىپ كەلمەيدۇ.
ھەممىڭلار پەرياد چېكىسىلەر! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى. ئۇ كۈن قادىر خۇدا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈن بولىدۇ.
تەلىملىرىم پۈتۈلگەن يازمىلىرىمنى ئوراپ قويغىن، شاگىرتلىرىمغا ئېيتىلغان بۇ تەلىملىرىمنى پېچەتلەپ قويغىن.
مانا بۇلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئەيسا مەسىھ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق، پات يېقىندا كېلىمەن!»«ئامىن! كەل، يا رەببىم ئەيسا!»
ھازىر مۇھىم بىر دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ، بۇلارنى سىلەرگە دەۋاتىمەن. ئۇيقۇدىن ئويغىنىدىغان ۋاقتىڭلار يېتىپ كەلدى. چۈنكى، بىزنىڭ دەسلەپكى ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمىزغا قارىغاندا، ئەڭ ئاخىرقى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلۇش كۈنىمىز تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى.
بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، يەنى ئەفەس، ئىزمىر، پەرگاما، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيا شەھەرلىرىگە ئەۋەت» دېگەنىدى.
ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېدى: «مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! بۇ كىتابتىكى بېشارەتلىك سۆزلەرگە ئەمەل قىلغانلار نەقەدەر بەختلىك!»
لېكىن، ئۇ ماڭا: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەن ساڭا، پەيغەمبەر بولغان سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭغا ھەم بۇ كىتابتىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلغانلارغا ئوخشاش خۇدانىڭ خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! - دېدى.
مەنكى يۇھاننا بۇ كىتابتىكى بېشارەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلىغانلارنى جىددىي ئاگاھلاندۇرىمەنكى: كىمدەكىم بۇ سۆزلەرگە بىر نەرسە قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ كىتابتا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرىدۇ.