Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 21:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەربىر تامچە ياشلىرىنى ئېرتىدۇ. ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئالەم ئۆتۈپ كەتتى.»

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 21:4
26 Referans Kwoze  

ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇۋېتىدۇ. ئىگىمىز پەرۋەردىگار ھەممىنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىدۇ، دۇنيانىڭ ئۆز خەلقىگە قىلغان ھاقارەتلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!


چۈنكى، ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. خۇدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى پۈتۈن ياشلارنى سۈرتىدۇ، - دېدى.


يوقىتىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى دۈشمەن ئۆلۈمدۇر.


سېنىڭ قۇياشىڭ پاتماستۇر، ئېيىڭمۇ يوقالماستۇر. چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ، ئازابلىق كۈنلىرىڭ ئاخىرلىشىدۇ.


پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى ئۆز بېشىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.


بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغان كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ.


پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ، شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى باشلىرىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ۋاقىتتا قىزلار خۇشاللىقتىن ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. يىگىتلەر ۋە بوۋايلار شادلىققا چۆمىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىنى شادلىققا ئايلاندۇرىمەن، ئازابلىرىنىڭ ئورنىغا تەسەللى ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىمەن.


ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ.


ئەي سىئون تېغىدىكى خەلق _ يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان خەلقلەر، سىلەر ئەمدى يىغلىمايسىلەر. ئەگەر سىلەر ياردەم تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەردىن شەپقىتىنى ئايىمايدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ نالەڭلەرنى ئاڭلىغاندا، سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ.


ئاندىن، يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم، چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن غايىب بولغانىدى. دېڭىزمۇ يوقالغانىدى.


ئاندىن، ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارى ئوت كۆلىگە تاشلاندى. مانا بۇ ئوت دېڭىزى ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر.


سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى، ماتەمنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق مېيىنى، مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى پەرۋەردىگار كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر.


لەنەتكە ئۇچرايدىغان ئىشلار قالمايدۇ. خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىدۇ.


لېكىن، رەببىمىز ئەيسا چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. بۇ كۈننىڭ كېلىشى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ. ئۇ كۈنى پۈتۈن ئاسمان قاتتىق گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولىدۇ. ئاسمان جىسىملىرى كۆيۈپ تۈگەيدۇ. زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ گۇمران بولىدۇ.


بۇ دۇنيا بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلارمۇ بايلىققا بېرىلىپ كەتمىسۇن. چۈنكى، بۇ دۇنيا ئۆتكۈنچىدۇر.


مەن ئۇنى گۆردىن، يەنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزايمۇ؟ ئەي ئۆلۈم، ئېلىپ كەل ۋابايىڭنى! ئەي ئۆلۈكلەر ماكانى، كۆرسەت ھالاكىتىڭنى! مەن ئەمدى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتمايمەن.


ئوخشار ئىنسان ھاياتى گويا كېتىۋاتقان سايىغا، ئوخشار ئۇنىڭ ئۆمرى بەئەينى بىر تىنىققا.


شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىقادسىزلاردىن ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار. ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار، شۇندا، مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.» «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە:


ئۇلار قايتىپ كېلىپ، خۇشاللىقلىرىدىن سىئون تېغىدا تەنتەنە قىلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، پاقلان، ئوغلاق ۋە موزاي گۆشلىرىدىن شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. ئۇلار ياخشى سۇغۇرۇلغان بىر باغقا ئوخشاش بولىدۇ، ئەمدى ئۇلار ھەرگىز مادارسىزلانمايدۇ.


بىر كىشى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولىدىكەن، ئۇ يېڭىدىن يارالغان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ كونا ھاياتى ئاخىرلىشىپ، يېڭىسى باشلانغان بولىدۇ.


«يەنە بىر قېتىم» دېگەن بۇ سۆز زىلزىلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلارنىڭ، يەنى يارىتىلغان نەرسىلەرنىڭ زىلزىلە بىلەن يوقىتىلىپ، زىلزىلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغانلارنىڭ مەڭگۈ ساقلىنىشىدىن ئىبارەت مەنىنى بىلدۈرىدۇ.


دېڭىز ئۆزىدىكى ئۆلۈكلەرنى، ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىمۇ ئۆزلىرىدىكى ئۆلۈكلەرنى تاپشۇرۇشتى. ھەركىم ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite