27 ئۇ يەرگە ھەرقانداق ناپاك نەرسىلەر ۋە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىدىغان يالغانچى كىشىلەر كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت نامى قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلغانلارلا كىرەلەيدۇ.
ئويغان ئەي يېرۇسالېم، ئويغان، قېنى، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغىن! ئەي مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېم، قېنى، ھەشەمەتلىك كىيىملىرىڭنى كىيگىن. بۈگۈندىن باشلاپ خەتنىسىزلەر ۋە ناپاكلار دەرۋازىلىرىڭغا باستۇرۇپ كەلمەيدۇ.
ئىسمى ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئوت كۆلىگە تاشلاندى.
غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق تون كىيىدۇ. ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن. ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن.
زېمىندا بىر يول پەيدا بولۇپ، بۇ يول «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتىلىدۇ. ناپاك ئادەملەر بۇ يولدا ماڭالمايدۇ، بۇ يولدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىلا ماڭالايدۇ. ئەخمەقلەر ئۇنىڭدا ماڭالمايدۇ.
ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغان ۋە يامانلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ،
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى، مۇقەددەس تېغىم سىئوندا ياشايدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر. يېرۇسالېم مۇقەددەستۇر، يات ئەللەر ئۇ يەرگە يەنە تاجاۋۇز قىلالمايدۇ.
مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ساڭا يەنە مۇنداق دەيمەنكى، ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشايدىغان خەتنە قىلىنمىغان تەكەببۇر يات خەلقلەر مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامغا كىرمىسۇن.
چۈنكى، شۇنى ئېنىق بىلىڭلاركى، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ھەرقانداق ئادەمگە ئەيسا مەسىھنىڭ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئورۇن يوق. ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ئادەم خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا مال-مۈلۈككە چوقۇنىدۇ-دە، بۇتپەرەسلەردىن پەرقلەنمەيدۇ.
زېمىنىمدىن يوق قىلىمەن رەزىللەرنى ھەر سەھەردە، بىرمۇ يامان قالماس ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە.
لېكىن، قورقۇنچاق، ئېتىقادسىز، چىرىك، قاتىل، زىناخور، سېھىرگەر، بۇتپەرەس ۋە يالغانچىلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قىسمىتى گۈڭگۈرت بىلەن يانغان ئوت كۆلىدۇر. مانا بۇ ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر.»
دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان، بوغۇزلانغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلغانلاردىن باشقا، يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەممە ئىنسان ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ.
كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك ياشاشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى، پاك ياشىمىغان كىشى رەبكە يېقىنلىشالمايدۇ.
مەن يەنە ئۆلۈكلەرنى كۆردۈم. كاتتا ياكى ئەرزىمەس بولسۇن، ھەممىسى تەختنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. كىتابلار ئېچىلدى. «ھاياتلىق دەپتىرى» دېيىلگەن يەنە بىر كىتابمۇ ئېچىلدى. ئۆلۈكلەر كىتابلاردا خاتىرىلەنگەنلەر بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى.
خەلقىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىي بولىدۇ، مەڭگۈلۈك زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، ئۇلار مەن تىككەن مايسا، قولۇمنىڭ ھۈنىرى بولۇپ، مېنىڭ شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىدۇ.
ئەي سادىق ھەمكارىم، سەندىن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، بۇ ئىشتا سەنمۇ بۇ ئىككى خانىمغا ياردەم قىل. چۈنكى، ئۇلار مەن ۋە كلېمېنت بىلەن، شۇنداقلا نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە خۇش خەۋەرنى تارقىتىش يولىدا قان-تەر سىڭدۈرگەن.
يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىكى ھەربىر قازان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ، مۇقەددەس بولىدۇ. ئىبادەت قىلىشقا كەلگەنلەر قۇربانلىقلىرىنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ھەرقانداق قاچىنى ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئەسلا سودا-سېتىق بولمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن مەريەم قارارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇردى. تاكى ئۇ قايتۇرۇپ كېلىنگۈچە، خالايىق ھېچ يەرگە كۆچمىدى.
مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىسى قارارگاھتىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئاراڭلاردىكى مەن تۇرىدىغان بۇ قارارگاھ ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغانمىسۇن.»
كېسىلى ساقايمىغۇچە ئۇ ناپاك بولۇپ، قارارگاھ سىرتىدا جامائەتتىن ئايرىلىپ تۇرسۇن.
ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن. بولمىسا، مېنىڭ ئىسمىمنى پۈتۈكۈڭدىن ئۆچۈرۈۋەتكەيسەن، _ دېدى.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ تاماقتىن بۇرۇن قول يۇيۇش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلمايلا تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆردى.
لېكىن، سىلەر جىنلارنىڭ بويسۇنغانلىقى بىلەنلا خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار، بەلكى خۇدانىڭ نامىڭلارنى ئەرشتىكى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈشى بىلەن خۇشال بولۇڭلار، - دېدى.
زىناخورلار، ئوخشاش جىنستىكى بۇزۇقلار، قۇل سودىگەرلىرى، يالغانچىلار، قەسەمخورلار ۋە باشقا قىلمىشلار بىلەن توغرا تەلىملەرگە خىلاپلىق قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەندۇر.
لېكىن، بىز خۇدا ۋەدە قىلغان يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. ئۇ يەردە پەقەت ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغانلارلا ياشىيالايدۇ.