Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 21:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى مەڭگۈ تاقالماي كۈن بويى ئوچۇق تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە زادى كېچە بولمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 21:25
7 Referans Kwoze  

شەھەر دەرۋازىلىرىڭ دائىم ئوچۇق تۇرىدۇ، كېچە-كۈندۈز تاقالمايدۇ، ھەممە ئەللەرنىڭ بايلىقى ساڭا ئەكېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ھەيدەپ كېلىنىدۇ.


ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ يورۇقلۇقى بولۇپ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرىدۇ.


ئۇ كۈن ئالاھىدە بىر كۈن بولۇپ، ئۇ كۈننى پەقەت پەرۋەردىگارلا بىلىدۇ. ئۇ كۈندە كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ پەرقى بولمايدۇ. كەچ ۋاقتى بولغاندىمۇ يورۇق بولىدۇ.


سېنىڭ قۇياشىڭ پاتماستۇر، ئېيىڭمۇ يوقالماستۇر. چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ، ئازابلىق كۈنلىرىڭ ئاخىرلىشىدۇ.


شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ياكى ئاي ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇنى خۇدانىڭ پارلاق نۇرى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. قوزا ئۇنىڭ چىرىغى بولىدۇ.


شەھەرنىڭ چوڭ ھەم ئېگىز سېپىلى ۋە ئون ئىككى دەرۋازىسى بار ئىدى. ھەربىر دەرۋازىنى بىردىن پەرىشتە ساقلايتتى. ھەربىر دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى.


ماڭا گەپ قىلغان پەرىشتىنىڭ قولىدا شەھەرنى ۋە شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى بىلەن سېپىلىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئالتۇن ئۆلچىگۈچ بار ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite