24 دۇنيادىكى خەلقلەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا ياشايدۇ. دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى شانۇشەۋكىتىنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ.
شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقان بۇ دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە ئون ئىككى قېتىم مېۋىگە كىرىدىغان، يەنى ھەر ئايدا مېۋە بېرىدىغان ھاياتلىق دەرىخى بولۇپ، دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى پۈتكۈل خەلقلەرگە شىپا ئىدى.
ھەرقايسى خەلقلەر شانۇشەۋكىتىنى ۋە ئىززىتىنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۇ كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا، مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ زىكىرىيانى سىلەرگە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.
مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ۋە نىيەتلىرىنى بىلىمەن. پۈتكۈل ئەللەر، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنى يىغىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ. ئۇلار كېلىپ، مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرىدۇ.
پۈتكۈل ئەللەر سەندىن خەۋەر ئالىدۇ، پادىشاھلار سېنى ئانىلاردەك ئېمىتىپ باقىدۇ. شۇندىلا سەن مېنى _ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان پەرۋەردىگارىڭنى بىلىسەن، سېنىڭ قوغدىغۇچىڭ، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدادۇر.
سىلەر ئۆزۈڭلار تونۇمايدىغان ئەللەرنى چاقىرىسىلەر، سىلەرنى تونۇمايدىغان ئەللەر قېشىڭلارغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ، چۈنكى مەن، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا، سىلەرگە شان-شەرەپ ئاتا قىلىمەن.»
مانا ئەمدى ئۇ نۇرغۇن ئەللەرنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇنى كۆرگەن پادىشاھلارمۇ ئاغزىنى ئېچىپلا قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن خەۋەردار بولۇپ باقمىغان ئىشلارنى كۆرىدۇ، ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلارنى بىلىدۇ.
خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن خۇددى روھانىيلاردەك ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولدۇم. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاكلىنىپ، خۇددى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك، خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر.
يۈزلىنەر پەرۋەردىگارغا، ياد ئېتىپ ئۇنى بارچە خەلقلەر، ئى پەرۋەردىگار، سەجدە قىلار ئالدىڭدا بارلىق قەبىلىلەر.
چۈنكى، ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىلىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىئانە توپلاپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى يوقسۇللارغا ياردەم بېرىشنى لايىق تاپتى.
مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلغاندا، سەمىمىيلىك، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن قىلىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، باشقا ئەللەرمۇ ئالدىمغا كېلىپ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇلار مەندىن پەخىرلىنىدۇ.»
شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان تاغ، تاغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرىدۇ. ئۇ ھەممە تاغلاردىن بۈيۈك تۇرىدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇ يەرگە سەلدەك ئېقىپ كېلىدۇ.
لىۋاننىڭ شان-شەرىپى بولغان قارىغايلار، شەمشادلار، كىپارىسلار ساڭا مەنسۇپ بولۇپ، مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بېزەيدىغانغا ئىشلىتىسەن، مەن دەسسەپ تۇرغان يېرىمنى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن.
قار-يامغۇر ئاسماندىن ياغىدۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ ئاسمانغا قايتىپ كەتمەيدۇ، بەلكى يەر-زېمىننى سۇغىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىندىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، تېرىيدىغانلارغا ئۇرۇق بولىدۇ، يەيدىغانلارغا ئاشلىق بولىدۇ.
ياقۇپ ئەۋلادلىرى كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى.
ئەي ئەللەر، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ. ئۇ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىپ، زېمىنىنى ۋە خەلقىنى گۇناھتىن پاكلايدۇ.
شاھلار سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇپ بالىلىرىڭنى باقىدۇ، خانىشلار ئىنىكئانا بولىدۇ. ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ، ساڭا تەزىم قىلىشىدۇ. ئاياغلىرىڭدىكى چاڭلارنى تىللىرى بىلەن يالايدۇ. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن، ماڭا ئۈمىد باغلىغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»