Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 20:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئۇلار پۈتۈن يەر يۈزىنى كېزىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ بارگاھىنى، يەنى ئۇ سۆيىدىغان شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. لېكىن، ئاسماندىن ئوت يېغىپ، ئۇلارنى كۈل قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 20:9
33 Referans Kwoze  

ئەي گوگ، سەن خۇددى قارا بۇلۇت زېمىنغا باستۇرۇپ كەلگەندەك خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىگە باستۇرۇپ كېلىسەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سېنى زېمىنىمغا ھۇجۇم قىلدۇرىمەن، شۇ ئارقىلىق مەن باشقا ئەللەر ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن ۋە ئۇلارغا ئۆزۈمنى تونۇتىمەن.


ماگوگنىڭ زېمىنىدا ۋە دېڭىز بويىدىكى جايلاردا خاتىرجەم ياشاۋاتقانلارغا ئوت ياغدۇرىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


ۋابا، قىرغىنچىلىق، قاتتىق يامغۇر، مۆلدۈر، ئوت ۋە گۈڭگۈرت بىلەن ئۇنى، قوشۇنىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن خەلقلەرنى جازالايمەن.


سەن نۇرغۇن ئەللەردىن تەشكىللەنگەن قوشۇنۇڭ بىلەن بوران-چاپقۇندەك كېلىسەن. سېنىڭ قوشۇنۇڭ خۇددى قارا بۇلۇت زېمىننى قاپلىغاندەك قاپلايدۇ.


شۇ چاغدا، رەببىمىز ئەيسا خۇدانى تونۇشنى خالىمىغانلارنى ۋە ئۆزى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلمىغانلارنى جازالايدۇ.


ھەمراھلىرى ئارىسىغا ئوت چۈشۈرۈلگەنىدى، ئوت يالقۇنى رەزىللەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى.


ئوتلار لاۋۇلداپ كۆيۈپ تۇرار ئالدىدا، رەقىبلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتەر ھەرياندا.


ئۇ چوڭ كارامەتلەرنى كۆرسىتەتتى، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئوت ياغدۇراتتى.


بىرەرسى ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولسا، ئۇلار ئېغىزلىرىدىن ئوت پۈركۈپ، ئۇ دۈشمەننى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولغانلار مانا شۇنداق ئۆلتۈرۈلىدۇ.


لېكىن، لۇت سودوم شەھىرىدىن ئايرىلغان كۈنى، ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېغىپ، سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلدى.


ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ياقۇپ بىلەن يۇھاننا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ: - ئى رەببىم، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئوت ياغدۇرۇشنى ئۆتۈنسەك قانداق دەيسىز؟ - دېدى.


ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئاسسۇر لەشكەرلىرى ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى.


پەرۋەردىگار يەنە ئوت چۈشۈرۈپ، ئىسرىق سېلىۋاتقان 250 ئادەمنى كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلدى.


خەلق قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئاغرىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئاغرىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، ئۇلارغا ئوت چېچىپ، قارارگاھنىڭ بىر چېتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.


شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇ ھاقارەتلەرگە ئۇچرىغىنىدا بەرداشلىق بەرگىنىدەك، بىزمۇ ھاقارەتلەرگە بەرداشلىق بېرەيلى.


مانا، مەن رەھىمسىز ۋە قىزىققان بابىل خەلقىنى كۈچەيتمەكچىمەن. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىگە يۈرۈش قىلىپ، باشقىلارنىڭ يۇرتلىرىنى ئىگىلىۋالىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار يول ئېچىپ، ئالدىڭلاردا ماڭىمەن. سىلەر شەھەر دەرۋازىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ، يېڭىباشتىن ھۆرلۈككە ئېرىشىسىلەر. سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار بولغان مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە يول باشلايمەن، ئالدىڭلاردا ماڭىمەن.»


پەرۋەردىگار بۇرۇنلا ئاسسۇر پادىشاھىنى كۆيدۈرىدىغان جاي تەييارلاپ قويغان. ئوت ئازگىلى چوڭقۇر ھەم كەڭ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئوتۇنلار بار. پەرۋەردىگارنىڭ نەپىسى خۇددى يانارتاغ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ.


خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ، شەھەرنى ئارراملارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىمۇ بولغان بىر قوشۇنىنىڭ قورشىۋالغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئېلىشاغا: _ ۋاي خوجام، چاتاق بولدى، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ _ دېدى.


پەرۋەردىگار تۇيۇقسىز ئاسماندىن ئوت ۋە گۈڭگۈرت ياغدۇرۇپ، سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى،


- يېرۇسالېمنىڭ دۈشمەن قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇشقا ئاز قالغانلىقىنى بىلىڭلار.


شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، دۈشمەنلىرىڭلار شەھىرىڭلارنىڭ ئەتراپىغا قورغان قۇرۇپ، سىلەرنى تۆت تەرەپتىن قورشىۋېلىپ،


چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بارگاھىڭلاردا سىلەر بىلەن بىرگىدۇر. ئۇ سىلەرنى قوغداپ، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرىدۇ. شۇڭا بارگاھىڭلار پاك بولسۇن. پەرۋەردىگار سىلەردىن ۋاز كېچىدىغان پەسكەش ئىشلارنى قىلماڭلار.


پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق جايلىرىدىن سىئون شەھىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرەر.


زېمىننىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىلەمسەن؟ ئەگەر بىلسەڭ، ماڭا دەپ بەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite