5 بۇ دەسلەپكى تىرىلىش ئىدى. ئۆلۈكلەرنىڭ قالغانلىرى مىڭ يىل توشمىغۇچە تىرىلمەيتتى.
ۋە نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆلۈمدىن خۇدا ۋەدە بەرگەن تىرىلىشكە يېتىشتۇر.
ئۇنىڭدىن كېيىن، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى. ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋازلار مۇنداق دەيتتى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە مەنسۇپ بولدى. ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرگۈسى.»
بۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولىسىز، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق. لېكىن، خۇدا ھەققانىي كىشىلەرنى قايتا تىرىلدۈرگەندە، بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ئۆزى قايتۇرىدۇ.
ئۈچ يېرىم كۈندىن كېيىن، ئىككى پەيغەمبەرنىڭ تېنىگە خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى كىردى، ۋە ئۇلار ئورنىدىن تۇردى. ئۇلارنى كۆرگەنلەر ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى.
چۈنكى، ئۇلارنىڭ رەت قىلىنىشى ئارقىلىق دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۆلۈمدىن تىرىلگەنلىك بولماي نېمە؟
رەببىمىز ئۆزى بىر پەرمان ئارقىلىق باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدا ياڭراتقان كاناي ساداسى بىلەن ئاسماندىن چۈشىدۇ. ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ.