Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 20:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مىڭ يىل توشقۇچە قايتا ئازدۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تېگى يوق ھاڭغا تاشلىدى. ئاندىن، ھاڭنىڭ ئاغزىنى يېپىپ پېچەتلىۋەتتى. مىڭ يىل توشقاندىن كېيىن، ئەجدىھا ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 20:3
17 Referans Kwoze  

ئۇنىڭدىن كېيىن، قولىدا تېگى يوق ھاڭنىڭ ئاچقۇچى ۋە يوغان بىر كىشەن تۇتقان بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.


سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق. ئۇ كېيىن تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. يەر يۈزىدە ياشايدىغان، ئەمما دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.


ئورەكنىڭ ئېغىزى قورام تاش بىلەن ئېتىپ قويۇلدى. پادىشاھ ھېچكىمنىڭ دانىيالنى قۇتقۇزۇۋالماسلىقى ئۈچۈن قورام تاشقا ئۆزىنىڭ مۆھۈرىنى باستى ۋە ئەمەلدارلىرىمۇ مۆھۈرلىرىنى بېسىشتى.


چوڭ ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغان ھېلىقى قەدىمىي يىلان ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە يەر يۈزىگە تاشلاندى.


ئۇلار لەشكەرلەر بىلەن بىللە بېرىپ، تاشنى پېچەتلەپ، قەبرىنى مۇھاپىزەت ئاستىغا ئالدى.


بىراق، ھاۋا~ئانىنىڭ ھىيلىگەر يىلان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ ساختا ئەلچىلەر تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ، ئەيسا مەسىھكە بولغان سەمىمىي ۋە پاك قەلبىڭلارنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، رەببىمىز ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاچقا، ئۇنىڭ نەزىرىدە بىر كۈن مىڭ يىلدەك، مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر.


بەرھەق، سەن ئۈچۈن مىڭ يىل گويا تۈنۈگۈن ئۆتكەن بىر كۈندەكلا، ياكى كېچىدىكى بىرنەچچە سائەتتەكلا.


دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشتى، يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇنىڭ زىناسىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، - دېدى.


ئۇ بىرىنچى دىۋىگە ۋاكالىتەن كۆرسىتىشكە ھوقۇقلاندۇرۇلغان كارامەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنى ئازدۇردى. ئۇلارغا قىلىچ بىلەن چېپىلغان، لېكىن ئامان قالغان بىرىنچى دىۋىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىر ھەيكەل تىكلەشنى بۇيرۇدى.


چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار ھەتتا خۇدا تاللىغانلارنىمۇ چوڭ مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى.


چىغىر يولغا چۈشكەن ئۇرۇقلار مۇنداق ئادەملەرگە تەمسىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان شەيتان كېلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چۈشكەن سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ.


ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا ئۆزلىرىنى شەيتانغا تەييارلانغان تېگى يوق ھاڭلارغا سۈرگۈن قىلماسلىقنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite