1 ئۇنىڭدىن كېيىن، قولىدا تېگى يوق ھاڭنىڭ ئاچقۇچى ۋە يوغان بىر كىشەن تۇتقان بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، لېكىن ئەمدى مەڭگۈ ھايات ياشايمەن. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا.
خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ قويمىدى. بەلكى، ئۇلارنى دوزاخقا تاشلاپ، ئۇلارنى سوراققا تارتقۇچە، قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەردە سولاپ قويدى.
يەنە شۇنىمۇ ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى خالىماي، ئۆز ئورۇنلىرىنى تاشلاپ كەتكەن پەرىشتىلەرنى رەببىمىز ئۇلۇغ قىيامەت كۈنىنىڭ سورىقىغىچە مەڭگۈ ئېچىلمايدىغان كىشەنلەر بىلەن كىشەنلەپ قاراڭغۇلۇققا تاشلىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەر يۈزى ئۇنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن يورۇپ كەتتى.
ئاندىن كېيىن، ئەرشتىن چۈشۈۋاتقان يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇتنى يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. يۈزى قۇياشقا، پۇتلىرى بولسا ئوت تۈۋرۈكىگە ئوخشايتتى.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا ئۆزلىرىنى شەيتانغا تەييارلانغان تېگى يوق ھاڭلارغا سۈرگۈن قىلماسلىقنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى.
ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مىڭ يىل توشقۇچە قايتا ئازدۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تېگى يوق ھاڭغا تاشلىدى. ئاندىن، ھاڭنىڭ ئاغزىنى يېپىپ پېچەتلىۋەتتى. مىڭ يىل توشقاندىن كېيىن، ئەجدىھا ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى.