27 مانا بۇ، ئاتام ماڭا بەرگەن ھوقۇققا ئوخشاش ھوقۇقتۇر. زەبۇردا يېزىلغاندەك: «ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇرۇپ، ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چاققاندەك تارمار قىلىدۇ.»
ئايال بىر بالا، يەنى پۈتۈن ئەللەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇرىدىغان بىر ئوغۇل تۇغدى. بالا تەختتە ئولتۇرغان خۇدانىڭ ئالدىغا دەرھال ئېلىپ چىقىلدى.
ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھەرقايسى خەلقلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. ئۇ خەلقلەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇراتتى. ئۇ خۇداغا قارشى تۇرغۇچىلارنى خۇددى ئۈزۈملەرنى شاراب كۆلچىكىدە دەسسەپ مىجىغاندەك، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوتلۇق غەزىپى بىلەن ھالاك قىلاتتى.
ئۇ خۇددى يەرگە چۈشكەن كومزەك پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەندەك، شۇنچىلىك پارچىلىنىپ كېتىدۇكى، ئوچاقتىن قوقاس ئالغۇدەك پارچىسىمۇ، كۆلچەكتىن سۇ ئالغۇدەك پارچىسىمۇ قالمايدۇ.»
ئاتام ھەممىنى ماڭا تەقدىم قىلدى. مېنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ. ئاتامنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ.
ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بىلەن بىر يەردە بولۇشىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن، مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقتۇر.
خۇددى ئاتام ماڭا پادىشاھلىق ھوقۇقى تەقدىم قىلغاندەك، سىلەرگىمۇ شۇنى تەقدىم قىلىمەن.
ئاندىن ئۇلارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئىدىشنى چاققاندەك، بۇ خەلق ۋە بۇ شەھەرنى چاقىمەن. چېقىلغان ئىدىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. جەسەتلەر تاكى توفەتتە يەر قالمىغۇچە كۆمۈلىدۇ.
پادىچى بولۇپ ئۆلۈم ئۇلارغا، ھەيدەر ئۇلارنى قوي كەبى ئۆلۈكلەر ماكانىغا. جەسەتلىرى چىرىپ كېتەر گۆر ئىچىدە، ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىمۇ قالار يىراقتا. ھەققانىيلار غەلىبە كۈنى كەلگەندە ھۆكۈم سۈرەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە.
شۇنىڭدىن كېيىن ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچى، يەنى ئۇلۇغ خۇدا كېلىپ، تەقۋادارلىرى ئۈچۈن ئادالەتنى ياقىلىدى. تەقۋادارلارنىڭ پادىشاھلىققا ئېرىشىدىغان كۈنلىرى يېتىپ كەلدى.
لېكىن ئاخىرىدا ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگە بولىدۇ.»