8 ئۇنىڭغا كىيىش ئۈچۈن پاكىز ۋە يالتىراپ تۇرىدىغان ئېسىل كەندىر تون بېرىلدى» دەپ ۋارقىراشتى. (ئېسىل كەندىر خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ خەيرلىك ئىشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.)
مەن پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن خۇشاللىنىمەن، يۈرىكىم خۇدادىن خۇشاللىق تاپىدۇ، چۈنكى ئۇ نىجاتلىقنى ماڭا چاپان قىلىپ كىيدۈردى، ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ ياپتى. خۇددى تويى بولغان يىگىت بېشىغا روھانىينىڭ ئېسىل باش كىيىمىنى كىيگەندەك، ھەم تويى بولغان قىز زىبۇ-زىننەت تاقىغاندەك خۇشاللىنىمەن.
شۇڭا، باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوت بىلەن تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق ئەيىبىڭنى يېپىشىڭ ئۈچۈن كىيىدىغان ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتىدىغان مەلھەملەرنى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. گۇناھكار تەبىئىتىڭلاردىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قاندۇرۇشنى ئويلىماڭلار.
كىيىملىرى كۆزنى شۇنچىلىك قاماشتۇرغۇدەك ئاپئاق بولۇپ كەتتىكى، دۇنيادىكى ھەرقانداق ئاقارتقۇچمۇ كىرنى ئۇنچىلىك ئاقارتالمايتتى.
پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «بۇرادەر، توي كىيىمى كىيمەي، بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟» دەپ سوراپتۇ، بىراق ئۇ كىشى ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمەپتۇ.
ھەققانىيلىق روھانىيلارغا كىيىم بولسۇن، تەقۋادار خەلقلىرىڭ شادلىققا تولسۇن.
ئى پەرۋەردىگار، سەندىن قورقمايدىغان كىم بار، نامىڭنى مەدھىيىلىمەيدىغان؟ چۈنكى، يېگانە مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن. كېلىپ پۈتكۈل خەلقلەر، ساڭا سەجدە قىلغۇسى. چۈنكى، ئاشكارا بولغاچ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى.»
ئاندىن ئۇچاڭغا كەشتىلىك كىيىم، پۇتۇڭغا ئېسىل چورۇق كىيدۈرۈپ، ئۈستۈڭگە ئېسىل زىغىر ۋە يىپەك رەخت ياپتىم.
ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئەلچىلەر كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قارىشىپ قالدى، توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن، ئادەم قىياپىتىدىكى ئىككى پەرىشتە پەيدا بولۇپ:
ئۇلار كۆزلىرىگە ئىشەنمەي تۇرغىنىدا، توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئىككى كىشى پەيدا بولدى.
خۇدا ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەمگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ يەردە ئايرىمىچىلىق يوقتۇر.
ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىياپىتى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، يۈزى قۇياشتەك پارلىدى، كىيىملىرى نۇردەك ئاپئاق بولۇپ چاقنىدى.
ئۆزى تىكەر ئۇ كارىۋات ياپقۇچلىرىنى، نېپىز كەندىر، ئېسىل رەختلەردىندۇر ئۇنىڭ لىباسلىرى.
ئۇلار ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرگەندە، زىغىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىم كىيسۇن. ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىچىدە ۋە ئىبادەتخانامدا خىزمىتىمنى قىلغاندا، قوي يۇڭىدا توقۇلغان كىيىم كىيمىسۇن.
يەتتە خىل بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز ھەم پارقىراپ تۇرىدىغان كەندىر رەختتىن تون كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى.
پاكىز ۋە ئاپئاق ئېسىل كەندىر تون كىيگەن ئەرشتىكى قوشۇنلار ئاق ئاتلارغا مىنىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى.
ئەينەكلەر، كەندىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەر، تاجلار ۋە روماللارنى تارتىپ ئەكىتىدۇ.