5 ئۇنىڭدىن كېيىن، تەختتىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى: «ئەي خۇدانىڭ پۈتكۈل خىزمەتكارلىرى، ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەن كاتتا ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى مەدھىيىلەڭلار!»
ئەي پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلار، كېچىلەپ خۇدا ئۆيىدە ئىبادەتتە بولىدىغانلار، كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنى تەرىپلەڭلار!
مەدھىيەلىگەي پەرۋەردىگارنى جىمىكى تىنىقى بارلار، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!
ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، مەدھىيەلەر ئېيتىڭلار ئۇنىڭ نامىغا. ئەي پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلار، ئۇنىڭ ئۆيىدە ئىبادەتتە بولىدىغانلار، ئىگىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا تۇرىدىغانلار، مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار ئۇنىڭغا.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدا ئۇلارغا سايىۋەندۇر.
ئەي ئىخلاسمەنلەر پەرۋەردىگارغا، ئۇنى مەدھىيەلەڭلار، ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار، ئەي ئىسرائىل ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار.
مەن يەنە ئۆلۈكلەرنى كۆردۈم. كاتتا ياكى ئەرزىمەس بولسۇن، ھەممىسى تەختنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. كىتابلار ئېچىلدى. «ھاياتلىق دەپتىرى» دېيىلگەن يەنە بىر كىتابمۇ ئېچىلدى. ئۆلۈكلەر كىتابلاردا خاتىرىلەنگەنلەر بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى.
يەتتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى ھاۋاغا تۆكتى. ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ تەختىدىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋاز: «ئىش تامام!» دېدى.
ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلسا ئەگەر، كىچىكىدىن-چوڭىغىچە بەرىكەت بېرەر.
ئۇ كاتتا ۋە ئەرزىمەس، باي ۋە كەمبەغەل، ھۆر ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭ قولى ياكى پېشانىسىگە بىر بەلگە ئۇرغۇزۇشقا مەجبۇرلىدى.
پادىشاھلارنىڭ، سەردارلارنىڭ ۋە قۇدرەتلىكلەرنىڭ، شۇنداقلا ئاتلارنىڭ ۋە ئۇنىڭغا مىنگەنلەرنىڭ، قۇللارنىڭ ۋە ھۆرلەرنىڭ، كاتتىلارنىڭ ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەڭلار!» دېدى.