Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 19:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 چۈنكى، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە ئادىلدۇر. ئۇ يەر يۈزىنى ئۆز زىناسى بىلەن بۇزغان داڭلىق پاھىشىنى سوراققا تارتىپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى» دېيىشەتتى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 19:2
16 Referans Kwoze  

ئەي ئەللەر، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ. ئۇ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىپ، زېمىنىنى ۋە خەلقىنى گۇناھتىن پاكلايدۇ.


ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن چۇقان سېلىشىپ: «مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك ئىگىمىز! يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى قاچان سوراق قىلىپ، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بېرىسەن؟» دېيىشەتتى.


«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»


ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، مەن چوقۇم ئۆچ ئالىمەن. ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار يىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغان كۈنى ئاز قالدى، ئۇلارنىڭ قىسمىتى تېزلا يېتىپ كېلىدۇ.»


چۈنكى، ئىچىشتى ھەرقايسى خەلقلەر، ئۇنىڭ ئەخلاقسىزلىقىنىڭ كۈچلۈك شارابىدىن. زىنا قىلىشتى دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن، بېيىشتى دۇنيانىڭ سودىگەرلىرى، ئۇنىڭ باياشاتچىلىقىنىڭ زىيادىلىكىدىن.»


ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ ناخشىسىنى ھەم قوزا ھەققىدىكى ناخشىنى ئېيتىشاتتى: «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، قىلغانلىرىڭ ئۇلۇغ ۋە كارامەتتۇر. ئى پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ پادىشاھى، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر.


پاكلىقتۇر ئىخلاس قىلىش پەرۋەردىگارغا، ئىخلاسمەنلىك داۋاملىشار ئەبەدىيگە. بەرھەقتۇر پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرى، ئادىللىق سىڭگەندۇر ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە.


ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن، سېنى ئۇلۇغلايمەن. سېنىڭ نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن. چۈنكى سەن، بۇرۇندىلا پىلانلىغان بۈيۈك ئىشلارنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ.


ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ياراتقانلىرى مۇكەممەلدۇر، قىلغانلىرى توغرىدۇر. ئۇ يامانلىق قىلمايدۇ، ساداقەتلىكتۇر، ئادىل ۋە دۇرۇستۇر.


سەن خوجاڭ ئاخاب پادىشاھنىڭ جەمەتىنى يوقىتىسەن. مەن شۇ ئارقىلىق خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە مېنىڭ باشقا بارلىق خىزمەتكارلىرىمنىڭ تۆكۈلگەن قېنى ئۈچۈن ئىزەبەلدىن ئىنتىقام ئالىمەن.


ئاندىن ئەرشتە سوئال-سوراق باشلىنىدۇ. زالىم پادىشاھنىڭ ھوقۇقى تارتىۋېلىنىپ، مەڭگۈلۈك يوق قىلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite