Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 19:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 پادىشاھلارنىڭ، سەردارلارنىڭ ۋە قۇدرەتلىكلەرنىڭ، شۇنداقلا ئاتلارنىڭ ۋە ئۇنىڭغا مىنگەنلەرنىڭ، قۇللارنىڭ ۋە ھۆرلەرنىڭ، كاتتىلارنىڭ ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەڭلار!» دېدى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 19:18
18 Referans Kwoze  

دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى، ھۆكۈمرانلىرى، سەردارلىرى، بايلىرى، ھوقۇقدارلىرى، قۇللىرى ۋە ھۆرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى.


مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قۇشلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.


مەن مۇشۇ جايدا، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى بۇزۇۋېتىمەن. سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇلار سىلەرنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن جەسىتىڭلارنى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىپ بېرىمەن.


ئۇلار ئەجەللىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرغۇدەك ئادەم قالمايدۇ، ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى خۇددى ئېتىزغا چېچىلغان گەندىدەك ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتىدۇ. ئۇلار ئۇرۇشتا ياكى ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.


بۇ خەلقنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى قوغلىۋېتىدىغان ھېچكىم يوقتۇر.


بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ، سېنى ئۆلتۈرۈپ، كاللاڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن. شۇنداقلا فىلىستىيەنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا ۋە يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا يەم قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئالەمدىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالىدۇ.


ئۇ يەنە داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ كېلىۋەر، مەن تېنىڭنى ئاسماندىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا، دالادىكى ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىمەن!


جەسىتىڭلار قۇشلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ. ئۇلارنى قوغلىغۇدەك ئادەم بولمايدۇ.


ئۇ كاتتا ۋە ئەرزىمەس، باي ۋە كەمبەغەل، ھۆر ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭ قولى ياكى پېشانىسىگە بىر بەلگە ئۇرغۇزۇشقا مەجبۇرلىدى.


- ئى رەببىمىز، بۇ ۋەقەلەر قەيەردە يۈز بېرىدۇ؟ - دەپ سورىدى شاگىرتلار. - جەسەت قەيەردە بولسا، قۇزغۇنلار شۇ يەرگە توپلىنىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.


قۇزغۇنلارنىڭ توپلىنىشى جەسەتنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەندەك، بۇ ئالامەتلەر مەن تىلغا ئالغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.


چۆلگە تاشلايمەن. ئۆلۈكۈڭ دالادا قالىدۇ، ھېچكىم سېنى ئېلىپ كېلىپ كۆممەيدۇ. مەن سېنى يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە قاغا-قۇزغۇنلارغا يەم قىلىپ بېرىمەن.


ئەي ئادەم بالىسى، مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ساڭا دەيمەنكى، سەن ھەر خىل قۇش ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيت: «سىلەر ھەر تەرەپتىن توپلىشىپ كېلىڭلار، مەن پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن ھازىرلىغان قۇربانلىق زىياپىتىمگە قاتنىشىڭلار، يەنى ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا كېلىپ، كاتتا زىياپەتكە داخىل بولۇڭلار. ئۇ يەردە گۆش يەيسىلەر، قان ئىچىسىلەر.


خەلقلەر غەزەپلەنگەنىدى. ئەمدى سېنىڭ غەزىپىڭ يېتىپ كەلدى! ئۆلۈكلەرنى سوراق قىلىش، خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنى ۋە خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، شۇنداقلا ئەرزىمەس ياكى كاتتا بولسۇن، نامىڭنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەنلەرنى ئىنئامغا ئىگە قىلىش، يەر يۈزىنى گۇمران قىلغانلارنى ھالاك قىلىش ۋاقتى كەلدى.»


سەن كۆرگەن دىۋە ۋە ئون مۈڭگۈز بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ.


ئۇنىڭدىن كېيىن، تەختتىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى: «ئەي خۇدانىڭ پۈتكۈل خىزمەتكارلىرى، ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەن كاتتا ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى مەدھىيىلەڭلار!»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite