17 ئاندىن، قۇياشنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇۋاتقان بارلىق قۇشلارغا قاتتىق ئاۋاز بىلەن: «كېلىڭلار، خۇدانىڭ كاتتا زىياپىتىگە يىغىلىڭلار!
ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئاغزىدىن چىققان قىلىچ بىلەن چېپىلدى. پۈتۈن ئۇچارقاناتلار بۇلارنىڭ گۆشىنى يەپ تويدى.
يەنە قارىۋىدىم، ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر بۈركۈتنىڭ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: «باشقا ئۈچ پەرىشتە چالىدىغان كاناي ئاۋازلىرىنىڭ دەستىدىن يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.
ئۆز خەلقىم خۇددى ياۋا ئىتلار ياكى قۇزغۇنلارغا ئوخشاش ماڭا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولجا ئىزدەپ يۈرگەن قاغا-قۇزغۇنلار ئولاشتى. پۈتكۈل ئەللەر ياۋايى ھايۋانلارغا ئوخشاش يىغىلسۇن. ئۇلار كېلىپ، بۇ خەلقىمنى يېۋەتسۇن!
ھەي، دالىدىكى بارلىق ھايۋانلار، ھەي، ئورماندىكى بارچە ھايۋانلار، كېلىپ، خەلقىمنى يەپ تۈگىتىڭلار!
بۇنىڭ كەينىدىن، ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. بۇ پەرىشتە يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارغا، يەنى ھەربىر خەلق، قەبىلە ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرگە يەتكۈزىدىغان مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى.
ئۇ يەنە داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ كېلىۋەر، مەن تېنىڭنى ئاسماندىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا، دالادىكى ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىمەن!
ئەمما مەن ئارىئېلنى بىر مۈشكۈلاتقا دۇچار قىلىمەن، بۇ شەھەر پەرياد كۆتۈرۈپ، نالە قىلسۇن. مەن بۇ يەرنى قۇربانلىق سۇپىسى قىلىمەن.
قۇشلار كېسىلىپ يەردە ياتقان دەرەخ غولىغا قونسا، يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ ئارىلىرىنى ماكان قىلدى.