Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 18:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئەيش-ئىشرەتتە ھەشەمەتچىلىك بىلەن ياشىسا قانداق، بېرىڭلار ئۇنىڭغا ئازاب ۋە ئەلەم شۇنداق. چۈنكى ماختىنىدۇكى ئۇ ئۆز كۆڭلىدە: ئولتۇرىمەن خانىشتەك تەختتە، تۇل ئەمەسمەن. تۇتماسمەن ئەسلا ماتەم!Œ

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 18:7
16 Referans Kwoze  

خۇشال ياشاۋاتقان بۇ شەھەر: «مەن بۈيۈكتۇرمەن، تەڭدىشىم يوقتۇر» دەپ ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلىدۇ. بىراق ئۇ قاقاسلىشىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر قوللىرىنى شىلتىشىپ، مەسخىرە قىلىشىدۇ.


ئاھ، بىر چاغلاردا ئادەملەرگە لىق تولغان شەھەر، ئولتۇرۇپتۇ ئەمدى پېتىپ يالغۇزلۇققا! بىر چاغلاردا ئەللەر ئارا مەشھۇر شەھەر، ئوخشاپ قاپتۇ ئەمدى پەقەت تۇل ئايالغا. بىر چاغلاردا مەلىكە ئىدى ئۇ ئۆلكىلەر ئارا، ئەمدى ئۇ ئوخشاپ قالغان يوقسۇل قۇلغا.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «پادىشاھ ۋە خان ئانىسىغا ئېيتقىن: ‹تەختلىرىڭلاردىن چۈشۈڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ بۈيۈك تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن يۆتكىلىدۇ.


شاھ قىزلىرى باردۇر ئىززەتلىگەنلىرىڭنىڭ ئارىسىدا، ئوفىر ئالتۇنىدا بېزەلگەن مەھبۇبۇڭ تۇرار ئوڭ يېنىڭدا.


ئۇلار دەر كۆڭۈللىرىدە: «تەۋرەنمەسمىز، ھېچقاچان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماسمىز.»


تەكەببۇرلۇقۇڭ سېنى ئالدايدۇ. سېنىڭ پايتەختىڭ قىيادىكى قورغاندۇر، ئۆيۈڭ ئېگىز تاغدىدۇر. شۇڭا سەن كۆڭلۈڭدە: ‹كىم مېنى بۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرەلەيدۇ؟› دەپ ئويلايسەن.


ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ياش تۇل ئاياللارنى تىزىملىما. چۈنكى، بۇنداق ئاياللارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئارزۇلىرى ئەيسا مەسىھكە بولغان رىشتىنى بېسىپ كەتسە، ئۇلار قايتا نىكاھلىنىشنى ئارزۇ قىلىپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ.


چۈنكى، ئىچىشتى ھەرقايسى خەلقلەر، ئۇنىڭ ئەخلاقسىزلىقىنىڭ كۈچلۈك شارابىدىن. زىنا قىلىشتى دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن، بېيىشتى دۇنيانىڭ سودىگەرلىرى، ئۇنىڭ باياشاتچىلىقىنىڭ زىيادىلىكىدىن.»


ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغان ۋە ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ.


شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھامونغا: _ دەرھال شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈرۈپ، ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغان يەھۇدىي موردىكايغا ھازىرقى دېگىنىڭ بويىچە قىل! ئېيتقانلىرىڭدىن بىرەرسىمۇ كەم بولمىسۇن! _ دەپ بۇيرۇدى.


سەن ئۇ جازا شارابىنى بىر تېمىممۇ قالدۇرماي ئىچىسەن، ئاندىن قەدەھنى ئۇرۇپ چاقىسەن، كۆكسۈڭنى تىلىسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite