Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 18:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ياندۇرۇڭلار ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغىنىغا مۇۋاپىق. قايتۇرۇڭلار ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا قوشلاپ. سۇنۇڭلار ئىككى باراۋەر تولدۇرۇپ، ئۇنىڭ شاراب بەرگەن قەدىھىنى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 18:6
21 Referans Kwoze  

«ئوقياچىلارنى چاقىرىڭلار! بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار! ئوقيا تۇتۇپ ئوق ئاتالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلسۇن. بۇ شەھەرنى قورشىۋېلىپ، ھېچكىمنى قاچۇرۇپ قويماڭلار. بابىللىقلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇڭلار. ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشىلىق كۆرسەتتى.


ئەي بابىللىق، ۋەيران بولغۇچىلار، بەختلىكتۇر بىزگە قىلغان يامانلىقىڭلارنى ئۆزۈڭلارغا قايتۇرغۇچىلار.


ھەر تەرەپتىن شەھەرگە قارشى جەڭگە چاقىرىڭلار. ئۇ تەسلىم بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، سېپىللىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار قىساس ئېلىۋاتىمەن، شۇڭا سىلەر ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار! ئۇ باشقىلارغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىڭلار!


كاتتا شەھەر بابىل ئۈچكە بۆلۈندى. ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ يەر بىلەن يەكسان بولدى. شۇ كاتتا شەھەر بابىلدىن ھېساب ئېلىنىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ قاتتىق غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى.


خۇدانىڭ غەزىپىنىڭ ساپ ھەم كۈچلۈك شارابىنى خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھتە ئىچىدۇ. ئۇ مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا ئوت ۋە گۈڭگۈرتتە ئازابلىنىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىل ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ سىئوندىكى زىيانكەشلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايمەن.


ئايال سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئالتۇن، قىممەت باھالىق تاش ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن بېزەلگەنىدى. قولىدا يىرگىنچلىك نەرسىلەر ۋە ئۆز زىناسىنىڭ مەينەتچىلىكلىرى بىلەن تولغان بىر ئالتۇن قەدەھ بار ئىدى.


ئەي ئۈمىدۋار تۇتقۇنلار، ئۆز قورغىنىڭلارغا قايتىڭلار! بۈگۈن شۇنداق جاكارلايمەنكى، يوقاتقىنىڭلارنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرىمەن.


مېنى ئەمەس، بەلكى ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى نومۇستا قالدۇرغىن. مېنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ۋەھىمىگە قالدۇرغىن. ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى بىر ھەسسە ئارتۇق جازا بىلەن ۋەيران قىلغىن!»


مەن ئۇلارنى ئۆز رەزىللىكلىرى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە ئارتۇق جازالايمەن. چۈنكى ئۇلار ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان جانسىز بۇتلىرى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمنى بۇلغىدى. ئۇلار ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى بىلەن تولدۇردى.


مىسكەر ئىسكەندەر ماڭا كۆپ زىيانكەشلىك قىلدى. رەببىمىز چوقۇم ئۇنىڭغا قىلمىشلىرىغا لايىق جازا ياندۇرىدۇ.


بابىل خەلقى ئىسرائىل خەلقىمدىن نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، شۇنداقلا دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئەللەرنى گۇمران قىلغانلىقى ئۈچۈن، بابىلمۇ گۇمران بولىدۇ.


دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشتى، يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇنىڭ زىناسىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، - دېدى.


«خۇدانىڭ «تۇتقۇن بولىدۇ» دېگىنى چوقۇم تۇتقۇن بولىدۇ. خۇدانىڭ «قىلىچلىنىدۇ» دېگىنى چوقۇم قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ.» شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى سەۋر قىلىشى، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشى لازىم.


يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن، ئۇلارغا جاكارلىغىن: ‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى، سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى. سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›»


خورلۇقىڭلار ئورنىغا ئىككى ھەسسە بەختكە ئېرىشىسىلەر، سىلەر بۇرۇن خورلانغانىدىڭلار، ئەمدى ئۈلۈشىڭلاردىن شادلىنىسىلەر. سىلەر زېمىنىڭلاردا ئىككى ھەسسە ئارتۇق مال-مۈلۈككە ئىگە بولىسىلەر، مەڭگۈلۈك خۇشاللىق سىلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ.


جازالىغايسەن ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ، قىلغان يامانلىقلىرىنى ھېسابلاپ. قايتۇرۇپ بەرگىن ئەمەللىرىگە لايىق جازا، قوللىرىنىڭ قىلغانلىرىنى ساناپ.


«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»


ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، جازالىغىن ئۇلارنى قىلمىشىغا يارىشا!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite