Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 18:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «ئۇ يەردىن چىقىڭلار، ئەي خەلقىم! بولمىسا شېرىك بولىسىلەر ئۇ شەھەرنىڭ گۇناھلىرىغا. ئۇچرايسىلەر ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 18:4
16 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىقادسىزلاردىن ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار. ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار، شۇندا، مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.» «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە:


ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلار، بابىلدىن قېچىپ چىقىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار! ئۇنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن تۈگەشمەڭلار. چۈنكى ئۇلاردىن قىساس ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى، مەن ئەمدى بابىلنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىمەن.


ئەي خەلقىم، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار.


كېتىڭلار، كېتىڭلار، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار! ناپاك نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەڭلەر، ئەي پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بۇيۇملىرىنى كۆتۈرىدىغانلار، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار،


ئەي خەلقىم، بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار! خۇددى پادىلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان سەركىلەرگە ئوخشاش بابىل زېمىنىدىن باشتا چىقىڭلار.


بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇپ، ئۇنى يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەشكە ئالدىراپ كەتمە، بولمىسا ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن. ئۆزۈڭنى پاك تۇتقىن.


سىلەر بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار، بابىللىقلارنىڭ قولىدىن قېچىپ كېتىڭلار. سىلەر بار ئاۋازىڭلار بىلەن تەنتەنە قىلىپ: «پەرۋەردىگار خىزمەتكارى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى قوغدىدى» دەپ، پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاڭلار!


دوستلىشىسەن ئوغرى بىلەن، ئارىلىشىسەن زىناخور بىلەن.


چۈنكى، ئۇنداق ئادەمنى قارشى ئالغان كىشى ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولغۇچىدۇر.


ئەي قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىسرائىللار، دەرھال كېتىڭلار، كېچىكمەڭلار! بۇ يات زېمىندا مېنى ۋە يېرۇسالېمنى ئەسلەڭلار.


«ئەجدادلىرىمىزنىڭ زامانىدا ياشىغان بولساقىدۇق، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قىلمىشلىرىغا شېرىك بولمايتتۇق» دەيسىلەر.


شۇنىڭ بىلەن لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنىڭ لايىقلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: _ سىلەر بۇ شەھەردىن دەرھال كېتىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى خاراب قىلماقچى، _ دېدى. لېكىن ئۇلار لۇتنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى.


بابىلدا ياشايدىغان مۇساپىرلار مۇنداق دەيدۇ: ‹بىز بابىلنى داۋالىغان بولاتتۇق، بىراق ئۇ ساقايمايدۇ. شۇڭا ئۇنى تاشلاپ، ھەممىمىز ئۆز ئېلىمىزگە كېتەيلى. بابىلنىڭ جازاسى ئاسماندەك ئېگىز دۆۋىلەنگەن بولۇپ، بۇلۇتلارغا تاقىشىدۇ.›


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite