21 ئاندىن، كۈچلۈك بىر پەرىشتە تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزغا تاشلاپ مۇنداق دېدى: «تاشلىنىدۇ مانا شۇنداق شىددەت بىلەن، كاتتا شەھەر بابىل، كۆرۈنمەيدۇ قايتا.
سەن قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار بولىسەن، قايتا مەۋجۇت بولمايسەن. سېنى ئىزدىگەنلەر سېنى مەڭگۈ تاپالمايدۇ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئورام يازما ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا كىم لايىقتۇر؟» دەپ توۋلىغان كۈچلۈك بىر پەرىشتىنىمۇ كۆردۈم.
ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، غايىب بولدى.
ئەمدى ئاڭلانمايدۇ ئاۋازى ئۇنىڭدا، چىلتارچىنىڭ، ناخشىچىنىڭ، كانايچىنىڭ، سۇنايچىنىڭ. ئەمدى تېپىلمايدۇ ئۇنىڭدا ھېچقانداق قول ھۈنەرۋەن. ئەمدى ئاڭلانمايدۇ ئاۋازى تۈگمەنچىنىڭ.
پۈتۈن ئاراللار غايىب بولدى، تاغلار يوقالدى.
لېكىن ئېلىشالمىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەرشتىكى ئورنىدىن مەھرۇم قالدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوشۇنلىرى بىلەن زېمىنىدىكى ھەرقايسى قەلئەلەرگە چېكىنىپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ ھالاكەتكە ئۇچراپ ئۆلىدۇ.
ئۇ خۇددى چۈشتەك يوقايدۇ ۋە تاپقىلى بولمايدۇ، كېچىسى پەيدا بولغان خىيالدەك غايىب بولىدۇ.
ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر! تارتىلدىڭ جازاغا، بىر سائەت ئىچىدىلا!»
ئاندىن كېيىن، ئەرشتىن چۈشۈۋاتقان يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇتنى يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. يۈزى قۇياشقا، پۇتلىرى بولسا ئوت تۈۋرۈكىگە ئوخشايتتى.
ئەمما ئۆتۈپ كەتتى ئۇ، يوق بولدى قارا، ئۇنى ئىزدىسەممۇ تاپالمايمەن قايتا.
سەن دېڭىزنى يېرىپ خەلقىڭگە يول ئېچىپ بەردىڭ. ئۇلار قۇرۇق يول بىلەن دېڭىزدىن ئۆتتى. ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى خۇددى تاشنى سۇغا غەرق قىلغاندەك، چوڭقۇر سۇغا غەرق قىلدىڭ.
چوڭقۇر دېڭىز يۇتتى ئۇلارنى، ئۇلار تاشتەك چۆكتى دېڭىزغا.