Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 18:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئۇلار باشلىرىغا توپا تۆكۈشۈپ، ماتەم تۇتۇپ، ھەسرەت بىلەن ئۈن سېلىپ مۇنداق دەپ يىغلىشىدۇ: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! بېيىغانىدى ئۇنىڭ بايلىقىدىن دېڭىزدا كېمىسى بارلار، ھالبۇكى ۋەيران بولدى شەھەر بىر سائەت ئىچىدىلا!»

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 18:19
13 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر! تارتىلدىڭ جازاغا، بىر سائەت ئىچىدىلا!»


يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىنتايىن قايغۇردى. ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى. ئۇلار گۇگۇم چۈشكۈچە شۇنداق قىلدى.


ئۇلار سەن ئۈچۈن پەرياد قىلىپ، قاتتىق يىغلىشىدۇ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، كۈلدە ئېغىنىشىدۇ.


چۈنكى، ئىچىشتى ھەرقايسى خەلقلەر، ئۇنىڭ ئەخلاقسىزلىقىنىڭ كۈچلۈك شارابىدىن. زىنا قىلىشتى دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن، بېيىشتى دۇنيانىڭ سودىگەرلىرى، ئۇنىڭ باياشاتچىلىقىنىڭ زىيادىلىكىدىن.»


ئۇلار يىراقتىن ئايۇپنىڭ تونۇغۇسىز ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپلا، ئۈن سېلىپ يىغلاشتى. كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، ئۈستباشلىرىغا توپا چېچىشتى.


بۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بالايىئاپەت، يەنى ئۆلۈم، ئاچارچىلىق ۋە ماتەم، كېلىدۇ ھامان بىر كۈن ئىچىدىلا. ئۆرتىلىدۇ ئۇ ئوت ئىچىدە. چۈنكى، سوراق قىلىدۇ ئۇنى قۇدرەتلىك پەرۋەردىگار خۇدا!»


بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم جەڭگاھتىن قېچىپ، شۇ كۈنىلا شىلوغا يېتىپ كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىملىرىنى يىرتقان، ئۈستى-بېشىغا توپا چاشقانىدى.


ئوخشاش ئاينىڭ 24-كۈنى ئىسرائىللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، روزا تۇتتى. ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، قايغۇلىرىنى ئىپادىلەشتى.


تامار بېشىغا كۈل چېچىپ، ئۈستىدىكى ئۇزۇن يەڭلىك لىباسىنى يىرتىۋەتتى. ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭدى.


سەن كۆرگەن دىۋە ۋە ئون مۈڭگۈز بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ.


بابىل باشقىلار ئەڭ ھەۋەسلەنگەن پادىشاھلىق ئىدى، بابىللارنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە ئىپتىخارى ئىدى. ئۇ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن گۇمران قىلىنىدۇ، خۇددى سودوم ۋە گومورادەك.


سىئوننىڭ ئاقساقاللىرى ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا كۈل چېچىپ، يەردە ئۈنسىز ئولتۇرۇپ قالدى. يېرۇسالېم قىزلىرى غەمدىن باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ قالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite