16 «ئىسىت، ئىسىت كاتتا شەھەر! ئورالغانىدىڭ ئېسىل كەندىر رەختلەرگە، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك گەزماللارغا، بېزەلگەنىدىڭ ئالتۇن، قىممەت باھالىق تاش ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلارغا!
ئايال سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئالتۇن، قىممەت باھالىق تاش ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن بېزەلگەنىدى. قولىدا يىرگىنچلىك نەرسىلەر ۋە ئۆز زىناسىنىڭ مەينەتچىلىكلىرى بىلەن تولغان بىر ئالتۇن قەدەھ بار ئىدى.
ئۇلار باشلىرىغا توپا تۆكۈشۈپ، ماتەم تۇتۇپ، ھەسرەت بىلەن ئۈن سېلىپ مۇنداق دەپ يىغلىشىدۇ: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! بېيىغانىدى ئۇنىڭ بايلىقىدىن دېڭىزدا كېمىسى بارلار، ھالبۇكى ۋەيران بولدى شەھەر بىر سائەت ئىچىدىلا!»
مەن سېنى ئېرەم بېغىمنى قوغدايدىغان كېرۇب قىلىپ تاللىدىم. سەن مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا ئىدىڭ، ئوتتەك يالتىرىغان تاشلار ئارىسىدا ماڭاتتىڭ.
ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئولجا ئېلىڭلار! بۇ يەردە پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقلار بار، قىممەتلىك خەزىنىلەر سان-ساناقسىزدۇر.
ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرىشتە مېنى بىر چۆلگە ئېلىپ كەتتى. شۇ چاغدا، مۇقەددەس روھ مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالغانىدى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن ئەزايىنى كۇپۇرلۇق ناملىرى قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم.
ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرۈپ: ˜بۇ كاتتا شەھەرنىڭ يەنە بىر تەڭدىشى بارمىدۇ؟Œ دەپ پەرياد قىلىشىدۇ.