11 دۇنيادىكى سودىگەرلەرمۇ ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ. چۈنكى، ئەمدى ئۇلارنىڭ ماللىرىنى،
چۈنكى، ئىچىشتى ھەرقايسى خەلقلەر، ئۇنىڭ ئەخلاقسىزلىقىنىڭ كۈچلۈك شارابىدىن. زىنا قىلىشتى دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن، بېيىشتى دۇنيانىڭ سودىگەرلىرى، ئۇنىڭ باياشاتچىلىقىنىڭ زىيادىلىكىدىن.»
ئەمدى پارلىمايدۇ چىراغ يورۇقى ئۇنىڭدا، ئاڭلانمايدۇ مۇڭدىشىشلىرى يېڭى ئەر-خوتۇنلارنىڭ. دۇنيانىڭ ئەڭ مەرتىۋىلىك كىشىلىرى ئىدى ئۇنىڭ سودىگەرلىرى، ئازدى سېھرى بىلەن پۈتۈن خەلقىئالەم.
«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»
بابىلدا بۇ ماللارنى سېتىپ بېيىغان سودىگەرلەر شەھەرنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىپ دېيىشىدۇكى:
ئەي شەھەر مەركىزىدە ياشايدىغان كىشىلەر، پەرياد قىلىڭلار. چۈنكى پۈتۈن سودىگەرلەر ھالاك بولىدۇ، سېتىقچىلار يوقىتىلىدۇ.
ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغان ۋە ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ.
ئۇلار ئاچكۆز بولغاچقا، ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن مال-مۈلكۈڭلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى بۇرۇندىن تەيياردۇر، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمۇ ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى پۈتۈن زېمىننى كۆيدۈرۈپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىنسانلارنى دەھشەتلىك ھالدا ھالاك قىلىدۇ.
سەن ياشلىقىڭدىن تارتىپ باردى-كەلدى قىلىپ كەلگەن بۇ مۇنەججىملىرىڭ ئەمدى ساڭا ياردەم قىلالمايدۇ. ئۇلار ھەممىسى ئۆز يوللىرىغا كېتىدۇ، سېنى قۇتقۇزىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمايدۇ.»
بىراق، مېھمانلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېتىبارغا ئالماي، بىرى ئېتىزىغا كەتسە، يەنە بىرى تىجارىتىگە كېتىپتۇ.
ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارغا: - نەرسىلىرىڭنى بۇ پاك يەردىن كۆتۈرۈش، خۇدائاتامنىڭ ئۆيىنى بازارغا ئايلاندۇرۇشما! - دېدى.
دانالىق كەلتۈرگەن پايدا كۈمۈشنىڭكىدىنمۇ ئارتۇقتۇر، ئالتۇندىن ئالغان مەنپەئەتتىنمۇ ئەۋزەلدۇر.
بابىل باشقىلار ئەڭ ھەۋەسلەنگەن پادىشاھلىق ئىدى، بابىللارنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە ئىپتىخارى ئىدى. ئۇ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن گۇمران قىلىنىدۇ، خۇددى سودوم ۋە گومورادەك.
گىباللىق پىشقان ئۇستىلار كېمەڭنىڭ يوچۇقلىرىنى ئېتىپ تۇراتتى. دېڭىزدىكى بارلىق كېمىلەر سەن بىلەن سودا قىلاتتى.