Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 18:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر! تارتىلدىڭ جازاغا، بىر سائەت ئىچىدىلا!»

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 18:10
17 Referans Kwoze  

ئۇلار باشلىرىغا توپا تۆكۈشۈپ، ماتەم تۇتۇپ، ھەسرەت بىلەن ئۈن سېلىپ مۇنداق دەپ يىغلىشىدۇ: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! بېيىغانىدى ئۇنىڭ بايلىقىدىن دېڭىزدا كېمىسى بارلار، ھالبۇكى ۋەيران بولدى شەھەر بىر سائەت ئىچىدىلا!»


بۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بالايىئاپەت، يەنى ئۆلۈم، ئاچارچىلىق ۋە ماتەم، كېلىدۇ ھامان بىر كۈن ئىچىدىلا. ئۆرتىلىدۇ ئۇ ئوت ئىچىدە. چۈنكى، سوراق قىلىدۇ ئۇنى قۇدرەتلىك پەرۋەردىگار خۇدا!»


ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن ئىككىنچى پەرىشتە مۇنداق دېدى: «گۇمران بولدى! ئۆز زىناسىنىڭ كۈچلۈك شارابىنى پۈتكۈل خەلقلەرگە ئىچكۈزگەن كاتتا شەھەر بابىل گۇمران بولدى!»


ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ھەربىر شەھەر مەيدانلىرىدىن نالە-پەرياد، ھەربىر كوچىدىن يىغا-زار كۆتۈرۈلىدۇ. دېھقانلار ھازا تۇتۇشقا، مەرسىيەچىلەر يىغلاشقا چاقىرتىلىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئاز قالدى، ئۇ كۈن شۇنچە دەھشەتلىكتۇر! ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈنىدۇر.


سەن كۆرگەن دىۋىنىڭ ئون مۈڭگۈزى تېخى ھۆكۈم سۈرمىگەن ئون پادىشاھتۇر. لېكىن، بۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ.


ھالىڭلارغا ۋاي! مانا، قورقۇنچلۇق كۈنلەر كەلمەكتە. ئۇ كۈنلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان ھېچقانداق بىر كۈن يوقتۇر. ئۇ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدىغان كۈنلەردۇر، لېكىن ئۇلار ئۇ ئازابلىق كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ.


قارىسىلا، قوش ئاتلىق جەڭ ھارۋىلىرى كەلدى.» ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بابىل تۈگەشتى! بابىل تۈگەشتى! ئۇلار چوقۇنغان بارلىق بۇتلار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، پارە-پارە بولدى.»


ئۇلارنى چۆرىدەپ تۇرغان بارلىق ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، بىزنىمۇ يەر يۇتۇپ كەتمىسۇن دەپ قېچىپ كېتىشتى.


شۇنى بىلگىنكى، بۇ ئىككى ئازاب تۇيۇقسىز بىر كۈندىلا بېشىڭغا كېلىدۇ. سەن قانچە كۆپ سېھىر ئىشلىتىپ، ئەپسۇنلارنى ئوقۇساڭمۇ، بەرىبىر تۇل قالىسەن، بالىلىرىڭدىن ھەم ئايرىلىپ قالىسەن.


مەن سېنى ۋەيران قىلغاندا، نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ، ھەتتا سېنى تونۇمايدىغان خەلقلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە غەم چۈشىدۇ.


جەسەتلىرى كاتتا شەھەرنىڭ غول يولىغا تاشلىنىدۇ. بۇ شەھەر سودوم ياكى مىسىر دېگەن سىمۋوللۇق نام بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەببىمۇ ئۇ يەردە كرېستكە مىخلانغانىدى.


كاتتا شەھەر بابىل ئۈچكە بۆلۈندى. ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ يەر بىلەن يەكسان بولدى. شۇ كاتتا شەھەر بابىلدىن ھېساب ئېلىنىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ قاتتىق غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى.


ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرۈپ: ˜بۇ كاتتا شەھەرنىڭ يەنە بىر تەڭدىشى بارمىدۇ؟Œ دەپ پەرياد قىلىشىدۇ.


ئاندىن، كۈچلۈك بىر پەرىشتە تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزغا تاشلاپ مۇنداق دېدى: «تاشلىنىدۇ مانا شۇنداق شىددەت بىلەن، كاتتا شەھەر بابىل، كۆرۈنمەيدۇ قايتا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite