Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 17:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: - نېمىگە ھەيران بولۇۋاتىسەن؟ ئايالنىڭ ۋە ئۇ مىنىپ تۇرغان يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك دىۋىنىڭ سىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 17:7
6 Referans Kwoze  

سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق. ئۇ كېيىن تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. يەر يۈزىدە ياشايدىغان، ئەمما دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.


شەيتاننىڭ كۈچى ئاللىقاچان يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، بۇ كۈچنى توسۇپ كېلىۋاتقان توسالغۇ يۆتكىۋېتىلگەندىن كېيىنلا، خۇداغا قارشى چىققۇچى ئاشكارىلىنىدۇ. رەببىمىز ئەيسا مەسىھ بولسا ئۇنى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ھالاك قىلىۋېتىدۇ ۋە يەر يۈزىگە كەلگەندىكى پارلاق نۇرى بىلەن ئۇنى يوقىتىدۇ.


يەتتە ئالتۇن چىراغدان ۋە سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ سىرىغا كەلسەك، يەتتە يۇلتۇز يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىلىرى. يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتچىلىكتۇر.


ئاندىن، ئەرشتە يەنە بىر كارامەت، يەنى يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا كۆرۈندى. ئۇنىڭ يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار ئىدى.


ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەر يۈزى ئۇنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن يورۇپ كەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite