Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 17:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشتى، يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇنىڭ زىناسىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، - دېدى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 17:2
14 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن ئىككىنچى پەرىشتە مۇنداق دېدى: «گۇمران بولدى! ئۆز زىناسىنىڭ كۈچلۈك شارابىنى پۈتكۈل خەلقلەرگە ئىچكۈزگەن كاتتا شەھەر بابىل گۇمران بولدى!»


چۈنكى، ئىچىشتى ھەرقايسى خەلقلەر، ئۇنىڭ ئەخلاقسىزلىقىنىڭ كۈچلۈك شارابىدىن. زىنا قىلىشتى دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن، بېيىشتى دۇنيانىڭ سودىگەرلىرى، ئۇنىڭ باياشاتچىلىقىنىڭ زىيادىلىكىدىن.»


بابىل خۇددى قولۇمدىكى ئالتۇن قەدەھكە ئوخشاش پۈتكۈل دۇنيانى مەست قىلىدىغان غەزىپىم بىلەن تولدى. ئەللەر بابىلنىڭ شارابىنى ئىچىپ، ئەقلىدىن ئازدى.


ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغان ۋە ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ.


ئەمدى پارلىمايدۇ چىراغ يورۇقى ئۇنىڭدا، ئاڭلانمايدۇ مۇڭدىشىشلىرى يېڭى ئەر-خوتۇنلارنىڭ. دۇنيانىڭ ئەڭ مەرتىۋىلىك كىشىلىرى ئىدى ئۇنىڭ سودىگەرلىرى، ئازدى سېھرى بىلەن پۈتۈن خەلقىئالەم.


چۈنكى، خۇدا ئاشۇ ئون پادىشاھنىڭ قەلبىنى ئەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ پادىشاھلار خۇدانىڭ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى دىۋىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە بىرلىككە كېلىدۇ.


بەرداشلىق بېرىش ھەققىدىكى ئەمرىمگە ئەمەل قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سىناش مەقسىتىدە پۈتۈن يەر يۈزىگە بالايىئاپەت چۈشۈرۈلىدىغان ۋاقىتتا سېنى ئۇنىڭدىن قوغداپ قالىمەن.


بۇ پادىشاھلار ئۆز قۇدرىتى ۋە ھوقۇقلىرىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە دىۋىگە بېرىشىدۇ.


چۈنكى سەن ئۆزۈڭنى ناز-كەرەشمىلىك بۇزۇق پاھىشىدەك تۇتتۇڭ. جادۇگەرلىك بىلەن ئەللەرنى ئۆزۈڭگە جەلپ قىلىپ، بۇزۇقچىلىق بىلەن ئۇلارنى ئۆزۈڭگە قۇل قىلدىڭ. سېھىر-جادۇلىرىڭ بىلەن خەلقلەرنى ئۆزۈڭگە ئەگەشتۈردۈڭ.


ئۇنىڭغا: - بۇ شاراب بەك ياخشى ئىكەن! باشقا ساھىبخانىلار ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ. مېھمانلار خېلى قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەب، سەن ئەڭ ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! - دېدى.


ئەمدى ئۇنى ئېغىر كېسەل قىلىپ ياتقۇزۇۋېتىمەن. ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلار قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىسا، ئۇلارنىمۇ ئېغىر ئازابقا مۇپتىلا قىلىمەن.


ئۇلار قاتىللىق، سېھىرگەرلىك، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە ئوغرىلىقلىرىغىمۇ توۋا قىلمىدى.


پېشانىسىگە «كاتتا بابىل - پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىكلەرنىڭ ئانىسى» دېگەن بىر سىرلىق نام يېزىلغانىدى.


سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق. ئۇ كېيىن تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. يەر يۈزىدە ياشايدىغان، ئەمما دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite