Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 17:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 پەرىشتە ماڭا يەنە: - پاھىشە ئايال بويىدا ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلارنىڭ ئۆزى مىللەتلەر، قوۋملار، خەلقلەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 17:15
14 Referans Kwoze  

يەتتە چىنىسى بار يەتتە پەرىشتىنىڭ بىرى كېلىپ، ماڭا: - بۇ يەرگە كەل، سۇلار ئۈستىدە ئولتۇرغان، داڭقى چىققان پاھىشە ئايالنىڭ تارتىدىغان جازاسىنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي.


پەرۋەردىگار بابىلنى ۋەيران قىلىدۇ، شەھەردىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭنى بېسىقتۇرىدۇ. دۈشمەن قوشۇنلىرى ئۆركەشلىگەن دولقۇندەك يامراپ كېلىپ، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك چۇقان سالىدۇ.


ئەي بابىل، سەن نۇرغۇن دەريالارنىڭ بويىدا مول بايلىقلار ئىچىدە ياشىغانىدىڭ. ئەمدى سەن تۈگەشتىڭ، ھاياتىڭنىڭ يىپى ئۈزۈلدى!


ھەر مىللەتتىن، ھەر قەبىلىدىن ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەردىن كىشىلەر كېلىشىپ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە ئۈچ يېرىم كۈن تىكىلىپ قارايدۇ ۋە جەسەتلەرنىڭ يەرلىككە قويۇلۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ.


كېيىن، پەرىشتە ماڭا: - سەن خۇدانىڭ كۆپ مىللەتلەر، خەلقلەر، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ۋە پادىشاھلار توغرىسىدىكى ۋەھىيلىرىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىشىڭ لازىم، - دېدى.


دۈشمەنلىرى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنى كەلكۈندەك باسىدۇ.


تىنچىتىسەن دېڭىزلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، ھەم يات ئەللەرنىڭ توپىلاڭلىرىنى.


ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، ھالاكەت دولقۇنلىرى چۈمكىدى مېنى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، شىمالدا دۈشمەن توپلىنىۋاتىدۇ، خۇددى سۇ ئۆرلەۋاتقاندەك. ئۇلار دەريادەك تاشماقچى بولۇۋاتىدۇ. پۈتكۈل زېمىندىكى ھەممە نەرسىلەر كەلكۈندە قالىدۇ، شەھەر ۋە ئادەملەر سۇ ئاستىدا قالىدۇ. كىشىلەر ئالاقزادە بولۇپ، ۋارقىرايدۇ. بۇ زېمىندا ياشايدىغان ھەممە كىشىلەر ئازابلىنىپ يىغا-زار قىلىدۇ.


سۇلار ئۇنى سۇغىراتتى، يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى سۇلار ئۇنى ئېگىز ئۆستۈرەتتى. ئۇ كېدىر دەرىخى تۇرغان جايدا ئېقىنلار ئاقاتتى، ئۆستەڭدىكى سۇلار دالادىكى بارلىق دەرەخلەرگە ئېقىپ كىرەتتى.


ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite