Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 17:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 سەن كۆرگەن دىۋىنىڭ ئون مۈڭگۈزى تېخى ھۆكۈم سۈرمىگەن ئون پادىشاھتۇر. لېكىن، بۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 17:12
12 Referans Kwoze  

ئاندىن، ئەرشتە يەنە بىر كارامەت، يەنى يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا كۆرۈندى. ئۇنىڭ يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار ئىدى.


ئاندىن، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ دېڭىزدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا خۇداغا كۇپۇرلۇق كەلتۈرىدىغان ئىبارە يېزىلغانىدى.


ئون مۈڭگۈز بۇ پادىشاھلىقتىكى ئون پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھ بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ ئىلگىرىكى باشقا پادىشاھلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئۈچ پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ.


سەن كۆرگەن دىۋە ۋە ئون مۈڭگۈز بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ.


مەن يەنە ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون تال مۈڭگۈز ۋە كېيىن ئۆسكەن مۈڭگۈزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يۇلۇپ تاشلىغانلىقى ھەققىدىكى ئىشلارنى بىلمەكچى بولدۇم. كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى ۋە ئېغىزى بار بولۇپ، تەكەببۇرلارچە پو ئاتاتتى. ئۇنىڭ تەسىرى باشقا مۈڭگۈزلەرگە قارىغاندا چوڭراق ئىدى.


ئۇلار باشلىرىغا توپا تۆكۈشۈپ، ماتەم تۇتۇپ، ھەسرەت بىلەن ئۈن سېلىپ مۇنداق دەپ يىغلىشىدۇ: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! بېيىغانىدى ئۇنىڭ بايلىقىدىن دېڭىزدا كېمىسى بارلار، ھالبۇكى ۋەيران بولدى شەھەر بىر سائەت ئىچىدىلا!»


بەربات بولدۇڭ شۇنچە كاتتا بايلىقلار بىلەن بىر سائەت ئىچىدىلا.» بارلىق كېمە باشلىقلىرى، كېمىدىكى يولۇچىلار، كېمىچىلەر ۋە دېڭىزغا تايىنىپ جان باقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى يىراقتا تۇرۇپ،


ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر! تارتىلدىڭ جازاغا، بىر سائەت ئىچىدىلا!»


كېيىن، پەرىشتە ماڭا: - سەن خۇدانىڭ كۆپ مىللەتلەر، خەلقلەر، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ۋە پادىشاھلار توغرىسىدىكى ۋەھىيلىرىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىشىڭ لازىم، - دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite