Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 16:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئۈچىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى دەريا ۋە بۇلاقلارغا تۆكتى. ئۇلارنىڭ سۈيىمۇ قانغا ئايلاندى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 16:4
10 Referans Kwoze  

ئاندىن، سۇ پەرىشتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان مۇقەددەس خۇدا! چىقارغان ھۆكۈملىرىڭ دۇرۇس ۋە ئادىلدۇر.


ئۇ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن: «خۇدادىن قورقۇڭلار! ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! چۈنكى، ئۇنىڭ ئىنسانلارنى سوراق قىلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى. ئاسماننى، زېمىننى، دېڭىزنى ۋە بۇلاقلارنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار!» دەيتتى.


گەرچە ئىسرائىلىيەلىكلەر قېرىنداشلىرى ئارىسىدا گۈللەنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇلاقلىرى ۋە قۇدۇقلىرى مەن پەرۋەردىگار شەرقتىن، يەنى قۇملۇقتىن ئەۋەتكەن ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ خەزىنىسىدىكى ھەممە بايلىقلىرى بۇلاپ كېتىلىدۇ.


مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بىرمۇ ئادەم يوق؟ مەن چاقىرسام، نېمە ئۈچۈن بىرمۇ ئادەم جاۋاب بەرمەيدۇ؟ سىلەرنى قۇتقۇزۇش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەمدۇ؟ سىلەرنى ئازاد قىلىشقا قۇدرىتىم يەتمەمدۇ؟ مەن دېڭىزغا بىرلا بۇيرۇق قىلسام، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ. دەريالارنى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيمەن، سۇ بولمىغانلىقتىن بېلىقلار ئۆلۈپ سېسىيدۇ.


پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: _ سەن ھارۇنغا: «تاياق تۇتقان قولۇڭنى مىسىردىكى دەريا، ئۆستەڭ، سازلىق ۋە كۆللەرگە قارىتىپ ئۇزات. مىسىر زېمىنىنى پاقىلار بىلەن تولدۇرۇۋەت» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى.


مەن سېنى ۋە ئەتراپىڭدىكى تاغلارنى جەسەتلەرگە تولدۇرىمەن. ئېدىر، جىلغا ۋە جىرالىرىڭ قىلىچتا ئۆلگەنلەرنىڭ ئۆلۈكى بىلەن تولىدۇ.


قانغا ئايلاندۇرۇپ قويغاچ خۇدا دەرياسىنى ئۇلارنىڭ، ئىچمەك مۇمكىن بولمىدى سۇلىرىنى دەريانىڭ.


ئۇلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى جاكارلايدىغان كۈنلەردە يامغۇر ياغماسلىقى ئۈچۈن، ئاسماننى يېپىۋېتىش قۇدرىتىگە ئىگە. ئۇلار سۇلارنى قانغا ئايلاندۇرۇش ۋە ھەر خىل بالايىئاپەتلەر بىلەن يەر يۈزىگە خالىغان ۋاقىتتا زەربە بېرىش قۇدرىتىگىمۇ ئىگە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite