2 بىرىنچى پەرىشتە بېرىپ چىنىدىكىنى قۇرۇقلۇققا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن، تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنىڭ بەدىنىنى يىرگىنچلىك يىرىڭلىق يارىلار قاپلاپ كەتتى.
بىرىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، مۆلدۈر بىلەن ئوت قانغا ئارىلاشقان ھالدا ياغدۇرۇلدى. زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋە پۈتكۈل يېشىل ئوت-چۆپلەر كۆيۈپ كەتتى.
ئۇلار ئاغرىق ئازابى ۋە يارىلىرىنىڭ دەستىدىن ئەرشتىكى خۇدانى قارغاشتى. بىراق، قىلمىشلىرىغا توۋا قىلىشمىدى.
پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تېنىنى يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. ئۆسمە ۋە قوتۇرغا مۇپتىلا بولىسىلەر، بۇ كېسەللەرگە داۋا تاپالمايسىلەر.
ھىرود خۇداغا تەئەللۇق شان-شەرەپنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ پەرىشتىسى شۇئان ئۇنى ئۇردى. نەتىجىدە، ئۇ قۇرتلاپ ئۆلدى.
شۇ سەۋەبتىن مەن ئىگەڭلار سىئون ئاياللىرىنىڭ بېشىنى تاز قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى چاچسىز قىلىپ، نومۇستا قالدۇرىمەن.»
بۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگار يىھورامنى ساقايمايدىغان ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار قىلدى.
سەن ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار بولىسەن، كېسىلىڭ كۈنسېرى ئېغىرلاپ، ئۈچەيلىرىڭ تېشىغا ساڭگىلاپ قالىدۇ.›»
ئەمما ئۇلار ئۇنى يۆتكىگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئېغىر جازاسى ئۇ يەردىكىلەرنىڭمۇ بېشىغا چۈشتى، پۈتۈن شەھەرنى ۋەھىمە باستى. پەرۋەردىگار شەھەر ئاھالىسىنىڭ قېرى-ياش ھەممىسىنى ئۆسمە بىلەن جازالىدى.
پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى ئاشدود ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاق ئاھالىسىنىڭ بېشىغا چۈشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىگە ئۆسمە پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى ئازابلىدى.
پەرۋەردىگار سىلەرنى بارلىق ئاغرىق-سىلاقلاردىن، سىلەر مىسىردا كۆرگەن يامان كېسەللەردىن ساقلايدۇ. پەرۋەردىگار بۇ كېسەللەرنى سىلەرنى يامان كۆرگەنلەرگە بېرىدۇ.
خۇشبۇي پۇراقلارنىڭ ئورنىغا سېسىق پۇراق ئالمىشىدۇ، كەمەر ئورنىغا ئارغامچا ئىشلىتىلىدۇ، قويۇق چاچ ئورنىغا تاقىر باش ئالمىشىدۇ، ئېسىل لىباس ئورنىغا ماتەملىك كىيىم كىيىدۇ، گۈزەللىك ئورنىنى شەرمەندىچىلىك ئالىدۇ.
خۇدا كۆكتە ئۇچۇردى شەرق شامىلىنى، يېتەكلەپ كەلدى جەنۇب شامىلىنى.
بۇلۇت ئۈستىدە ئولتۇرغۇچى زېمىنغا ئورغاق سالدى. يەردىكى زىرائەتلەر ئورۇلدى.
پەرۋەردىگار ئىككى پۇتۇڭلارنى ساقايماس يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. بېشىڭلاردىن پۇتۇڭلارغىچە پۈتۈن تېنىڭلارنى يىرىڭلىق چاقا بىلەن تولدۇرىدۇ.
ئۇ بىرىنچى دىۋىگە ۋاكالىتەن پۈتۈن ھوقۇقنى يۈرگۈزۈپ، يەر يۈزىنى ۋە ئۇنىڭدا ياشايدىغانلارنى ئەجەللىك يارىسى ساقايغان بىرىنچى دىۋىگە چوقۇنۇشقا مەجبۇرلايتتى.
ئالدىنقى ئىككى پەرىشتىنىڭ كەينىدىن ئۈچىنچى پەرىشتە قاتتىق ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: «كىمدەكىم دېڭىزدىن چىققان دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنسا، ئۇنىڭ بەلگىسىنى پېشانىسىگە ياكى قولىغا ئۇرغۇزسا،
شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ يەتتە پەرىشتىگە: «بېرىڭلار، خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان يەتتە چىنىدىكىنى يەر يۈزىگە تۆكۈڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.