18 شۇ ئەسنادا چاقماقلار چېقىلدى، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. يەر-زېمىن شۇنچىلىك تەۋرەندىكى، ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بېرى بۇنداق قاتتىق تەۋرىنىش بولمىغانىدى.
تەختتىن چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تەختنىڭ ئالدىدا يالقۇنلاپ تۇرغان يەتتە مەشئەل بار ئىدى. بۇلار خۇدانىڭ يەتتە روھى ئىدى.
پەرىشتە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: _ ئۇ چاغدا خەلقىڭنى قوغدىغۇچى باش پەرىشتە مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. ئاندىن خەلقىڭ ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان ئاپەتلىك بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. لېكىن خەلقىڭنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ.
ئاندىن، خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە كۆرۈندى. شۇئان چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. زېمىن تەۋرىنىپ، دەھشەتلىك مۆلدۈر يېغىپ كەتتى.
دەل شۇ چاغدا، زېمىن شىددەتلىك تەۋرەندى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى ئىنتايىن قورقۇشۇپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.
ئاندىن، پەرىشتە ئىسرىقداننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوت بىلەن تولدۇرۇپ، يەر يۈزىگە ئاتتى. ئۇ چاغدا، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. چاقماقلار چېقىپ، يەر-زېمىن تەۋرەندى.
ئاندىن، قوزىنىڭ ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ۋاقىتتا، زېمىن قاتتىق تەۋرىنىپ، قۇياش بەئەينى قاپقارا كۆمۈرنىڭ، ئاي بولسا قاننىڭ رەڭگىگە كىردى.
چۈنكى، ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇددى گۈلدۈرمامىدەك، يەر تەۋرىگەندەك دەھشەتلىك بىر ئاۋاز بىلەن كېلىدۇ. جۇدۇن-چاپقۇن، قارا بوران ۋە ئۇلغىيىپ كۆيۈۋاتقان ئوت بىلەن كېلىدۇ.