Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 15:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئىبادەتخانا خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى تامام بولمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 15:8
14 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ ئاۋازى پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى تەۋرىتىۋەتتى، ئۇ يەر تۈتۈنگە تولدى.


ئاسماندا زور ھەم ھەيران قالارلىق يەنە بىر كارامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە خىل بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىدىغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. خۇدانىڭ غەزىپى بۇ بالايىئاپەتلەر بىلەن ئاخىرلىشاتتى.


بۇنداق كىشىلەرنىڭ جازاسى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار رەببىمىزدىن ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.


ياڭرىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى تولغىنار دۇپ دەرەخلىرى، يالىڭاچلىنار ئورمانلار جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى. «ئاجايىپ ئۇلۇغدۇر خۇدا» دەپ ۋارقىرىشار، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرغانلار.


ئاھ! خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىلىم-ھېكمىتى نېمىدېگەن مول، نېمىدېگەن چوڭقۇر-ھە! ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟ ئۇنىڭ يوللىرىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:


يوشۇرۇۋالغاچقا سەن ئۆزۈڭنى بۇلۇتلارغا، بارالمىدى دۇئايىمىز سېنىڭ يېنىڭغا.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەردە مۇسا بىلەن سامۇئىل ئالدىمدا تۇرۇپ، بۇ خەلق ئۈچۈن ماڭا ئىلتىجا قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ خەلققە ھېچقانداق مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيتتىم. بۇ خەلق كەتسۇن! كۆزۈمدىن يوقالسۇن!


پۈتۈن سىناي تېغىنى ئىس-تۈتەك قاپلىغانىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇ يەرگە ئوت ئىچىدە چۈشكەنىدى. بۇ ئىس-تۈتەك خۇددى خۇمداندىن چىققان ئىس-تۈتەككە ئوخشايتتى. پۈتۈن تاغ تۇيۇقسىز سىلكىندى.


_ ئاكاڭ ھارۇنغا ئېيتقىن، ئۇ پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقىغا، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا خالىغانچە يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، جەزمەن ھالاك بولىدۇ. چۈنكى مەن «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى بۇلۇت ئىچىدە زاھىر بولىمەن.


شەھەر خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ جۇلاسى ئىنتايىن ئېسىل بىر گۆھەرنىڭ، يېشىل قاشتاشتەك يالتىرىغان خرۇستالنىڭ جۇلاسىغا ئوخشايتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite