Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 15:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 يەتتە خىل بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز ھەم پارقىراپ تۇرىدىغان كەندىر رەختتىن تون كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 15:6
9 Referans Kwoze  

ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىدىكى تونى ئوشۇقىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈندى.


ئاسماندا زور ھەم ھەيران قالارلىق يەنە بىر كارامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە خىل بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىدىغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. خۇدانىڭ غەزىپى بۇ بالايىئاپەتلەر بىلەن ئاخىرلىشاتتى.


ئىبادەتخانىدىن چىققان باشقا بىر پەرىشتە بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇچىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئورغىقىڭنى سال ۋە ئور! چۈنكى، ئورما ۋاقتى كەلدى، زېمىندىكى زىرائەتلەر پىشىپ يېتىلدى» دېدى.


ئۇلار كۆزلىرىگە ئىشەنمەي تۇرغىنىدا، توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئىككى كىشى پەيدا بولدى.


ئۇ ۋاقىتتا مەن يۇقىرىغا قارىغانىدىم، ئۇچىسىغا زىغىر رەختتىن تىكىلگەن لىباس ئارتقان، بېلىگە ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىرسىنى كۆردۈم.


ئەرشتىكى ئىبادەتخانىدىن يەنە بىر پەرىشتە چىقتى. ئۇنىڭمۇ ئۆتكۈر بىر ئورغىقى بار ئىدى.


ئۇنىڭغا كىيىش ئۈچۈن پاكىز ۋە يالتىراپ تۇرىدىغان ئېسىل كەندىر تون بېرىلدى» دەپ ۋارقىراشتى. (ئېسىل كەندىر خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ خەيرلىك ئىشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.)


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite