20 شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شاراب كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەر دەسسىلىپ، شەربەتلىرى قان بولۇپ، ئاتنىڭ تىزگىنىگە كېلىدىغان ئېگىزلىكتە ئۈچ يۈز چاقىرىم يىراقلىققا ئاقتى.
ئىگىمىز مەنسىتمىدى پۈتۈن باتۇرلىرىمنى، لەشكەر توپلاپ ھۇجۇم قىلدى ئۇ ماڭا، بىتچىت قىلماق بولۇپ يىگىتلىرىمنى. خۇددى ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە ئۈزۈم ئەزگەندەك دەسسەپ چەيلىدى يەھۇدىيە خەلقىنى.
جەسەتلىرى كاتتا شەھەرنىڭ غول يولىغا تاشلىنىدۇ. بۇ شەھەر سودوم ياكى مىسىر دېگەن سىمۋوللۇق نام بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەببىمۇ ئۇ يەردە كرېستكە مىخلانغانىدى.
ئۇلار چىقىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، ئاسىيلارنىڭ تېنىدىكى قۇرتلار ئۆلمەيدۇ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.»
باغلاپ قويار ئۇ تەخىيىنى ئەڭ ياخشى ئۈزۈمگە، غاجاپ قويسىمۇ ئۇ ئۈزۈمنى گەرچە، ئۈزۈم شارابىدا يۇيار كىيىملىرىنى، ئېسىل شارابتا تونلىرىنى.
كالا قېتىقى، قوي سۈتى ئىچكۈزدى. يېگۈزدى سېمىز پاقلان، باشاننىڭ قوي، ئۆچكىلىرىنى ۋە ئەڭ ئېسىل بۇغدايلارنى. ئىچكۈزدى ئۈزۈم شارابىنى.
زېمىننى سۇغىرىمەن قېنىڭدا، تاغلار، جىرالار قالار ئاستىدا.
زىرائەتلەر پىشتى، ئورغاق سېلىڭلار. ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكى ئۈزۈمگە تولدى، كېلىپ ئېزىڭلار. خۇددى شاراب ئىدىشلىرىدىن شاراب تاشقاندەك، ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىمۇ تولۇپ تاشتى.»