17 ئەرشتىكى ئىبادەتخانىدىن يەنە بىر پەرىشتە چىقتى. ئۇنىڭمۇ ئۆتكۈر بىر ئورغىقى بار ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ يەتتە پەرىشتىگە: «بېرىڭلار، خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان يەتتە چىنىدىكىنى يەر يۈزىگە تۆكۈڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
ئارقىدىنلا، ئوتنى باشقۇرىدىغان يەنە بىر پەرىشتە قۇربانلىق سۇپىسى تەرەپتىن چىقىپ، ئۆتكۈر ئورغاق تۇتقان پەرىشتىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئۆتكۈر ئورغىقىڭنى سېلىپ، يەر يۈزىدىكى ئۈزۈم تاللىرىنىڭ ساپاقلىرىنى يىغىۋال، چۈنكى ئۈزۈملەر پىشىپ يېتىلدى» دېدى.
ئاندىن، خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە كۆرۈندى. شۇئان چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. زېمىن تەۋرىنىپ، دەھشەتلىك مۆلدۈر يېغىپ كەتتى.
بۇلۇت ئۈستىدە ئولتۇرغۇچى زېمىنغا ئورغاق سالدى. يەردىكى زىرائەتلەر ئورۇلدى.
يەتتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى ھاۋاغا تۆكتى. ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ تەختىدىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋاز: «ئىش تامام!» دېدى.