Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 13:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 يەردىن چىققان دىۋىگە دېڭىزدىن چىققان دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە ھاياتلىق نەپىسى بېرىپ، ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش قۇدرىتى بېرىلدى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 13:15
25 Referans Kwoze  

ئاندىن، تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ بەلگىسى پېشانىسىگە ۋە قوللىرىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرەتتى.


دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلەر كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەر ئىككىلىسى تۇتۇلدى. ساختا پەيغەمبەر شۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەمدە دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى.


بىرىنچى پەرىشتە بېرىپ چىنىدىكىنى قۇرۇقلۇققا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن، تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنىڭ بەدىنىنى يىرگىنچلىك يىرىڭلىق يارىلار قاپلاپ كەتتى.


«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»


مەن ئايالنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەنى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىپ قۇربان بولغانلارنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران بولدۇم.


ئۇنى قىينىغان ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى مەڭگۈ پۇرقىراپ تۇرىدۇ. دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ بەلگىسىنى ئۇرغۇزغانلارغا كېچە-كۈندۈز ئاراملىق بولمايدۇ.»


ئالدىنقى ئىككى پەرىشتىنىڭ كەينىدىن ئۈچىنچى پەرىشتە قاتتىق ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: «كىمدەكىم دېڭىزدىن چىققان دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنسا، ئۇنىڭ بەلگىسىنى پېشانىسىگە ياكى قولىغا ئۇرغۇزسا،


ئۇ بىرىنچى دىۋىگە ۋاكالىتەن كۆرسىتىشكە ھوقۇقلاندۇرۇلغان كارامەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنى ئازدۇردى. ئۇلارغا قىلىچ بىلەن چېپىلغان، لېكىن ئامان قالغان بىرىنچى دىۋىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىر ھەيكەل تىكلەشنى بۇيرۇدى.


ئۇ ئۇلۇغ خۇداغا قارشى گەپ قىلىدۇ ۋە تەقۋادارلارنى ئېزىدۇ. خۇدا بېكىتكەن مۇقەددەس بايراملار ۋە قانۇنلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. تەقۋادارلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل تۇرىدۇ.


تۆكۈلدى، بۇ شەھەردە قانلىرى، پەيغەمبەرلەر، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەر يۈزىدە قىرغىن بولغانلارنىڭ.»


چۈنكى، خۇدا ئاشۇ ئون پادىشاھنىڭ قەلبىنى ئەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ پادىشاھلار خۇدانىڭ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى دىۋىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە بىرلىككە كېلىدۇ.


ئۇنىڭ ئالدىدا بارلىق ئىنسانلار ئەخمەق ۋە بىلىمسىزدۇر! بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ياسىغان بۇتلىرى ئۈچۈن نومۇسقا قالىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ياسىغان بۇتلىرى بىر ئالدامچىلىقتۇر، بۇ بۇتلارنىڭ تىنىقى يوقتۇر.


ئۇنىڭ ئالدىدا بارلىق ئىنسانلار ئەخمەق ۋە بىلىمسىزدۇر! بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ياسىغان بۇتلىرى ئۈچۈن نومۇسقا قالىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ياسىغان بۇتلىرى بىر ئالدامچىلىقتۇر، بۇ بۇتلارنىڭ تىنىقى يوقتۇر.


بۇنداق بۇتلار قوغۇنلۇقتىكى قارانچۇقلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار سۆزلىيەلمەيدۇ، ئۇلار ماڭالمايدۇ، شۇڭا باشقىلار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۆتكەيدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار، سىلەرنى زەخىملەندۈرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ سىلەرگە ياردەم قىلغۇدەك ھېچقانداق قۇدرىتى يوق.»


ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى تۇرۇپ سۆزلىيەلمەس، كۆزلىرى تۇرۇپ ھېچنېمىنى كۆرەلمەس.


پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن ئادەمنى ياراتتى ۋە ئۇنىڭ بۇرنىدىن ھاياتلىق نەپىسىنى پۈۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ھاياتلىققا ئېرىشتى.


دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا غەلىبە قىلىدۇ، چۈنكى قوزا رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتىكىلەر چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر.


ئاندىن، سۇ پەرىشتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان مۇقەددەس خۇدا! چىقارغان ھۆكۈملىرىڭ دۇرۇس ۋە ئادىلدۇر.


روھى يوق تەن ئۆلۈك بولغىنىدەك، ئەمەلىيىتى يوق ئېتىقادمۇ ئۆلۈكتۇر.


ياغاچقا: ‹ئويغان!›، جانسىز تاشقا: ‹تۇر!› دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ بۇتلار سىلەرگە يول كۆرسىتەلەمدۇ؟ قاراپ بېقىڭلارچۇ، گەرچە ئۇنىڭ سىرتى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن قاپلانغان بولسىمۇ، ئۇ بىر جانسىز نەرسىغۇ!


مەن يەنە ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون تال مۈڭگۈز ۋە كېيىن ئۆسكەن مۈڭگۈزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يۇلۇپ تاشلىغانلىقى ھەققىدىكى ئىشلارنى بىلمەكچى بولدۇم. كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى ۋە ئېغىزى بار بولۇپ، تەكەببۇرلارچە پو ئاتاتتى. ئۇنىڭ تەسىرى باشقا مۈڭگۈزلەرگە قارىغاندا چوڭراق ئىدى.


ئاندىن، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ دېڭىزدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا خۇداغا كۇپۇرلۇق كەلتۈرىدىغان ئىبارە يېزىلغانىدى.


ئۇ بىرىنچى دىۋىگە ۋاكالىتەن پۈتۈن ھوقۇقنى يۈرگۈزۈپ، يەر يۈزىنى ۋە ئۇنىڭدا ياشايدىغانلارنى ئەجەللىك يارىسى ساقايغان بىرىنچى دىۋىگە چوقۇنۇشقا مەجبۇرلايتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite