5 ئايال بىر بالا، يەنى پۈتۈن ئەللەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇرىدىغان بىر ئوغۇل تۇغدى. بالا تەختتە ئولتۇرغان خۇدانىڭ ئالدىغا دەرھال ئېلىپ چىقىلدى.
ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھەرقايسى خەلقلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. ئۇ خەلقلەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇراتتى. ئۇ خۇداغا قارشى تۇرغۇچىلارنى خۇددى ئۈزۈملەرنى شاراب كۆلچىكىدە دەسسەپ مىجىغاندەك، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوتلۇق غەزىپى بىلەن ھالاك قىلاتتى.
بۇ ئايالنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالغان بولۇپ، تولغاق ئىچىدە داد-پەرياد قىلاتتى.
ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ.
ئىككى پەيغەمبەر ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ: «بۇ ياققا چىق!» دېگەن لىكىنى ئاڭلىدى ۋە رەقىبلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر بۇلۇت ئىچىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.
لېكىن، مەريەم بوشانغۇچە ئۇنىڭ بىلەن بىر ياستۇققا باش قويمىدى. بالا تۇغۇلغاندا، يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى.
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى دۈشمىنىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. پەقەت ھامىلىدار ئايال بالىسىنى تۇغقاندا، ئاندىن ئۇ بالىنىڭ ئامان قالغان ئىسرائىل قېرىنداشلىرى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا قايتىپ كېلىدۇ.
ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بىر ئادەمنى تونۇيمەن. ئۇ ئون تۆت يىل ئىلگىرى ئەرشىئەلاغا كۆتۈرۈلدى. ئۇ كۆتۈرۈلگەندە، تېنى كۆتۈرۈلدىمۇ ياكى روھى كۆتۈرۈلدىمۇ بىلمەيمەن، بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.
رەببىمىز ئەيسا ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى ۋە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.
مېنىڭ ساداقەتسىز قىزىم، قاچانغىچە سەرگەردان بولۇپ يۈرىسەن؟ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار دۇنيادا يېڭى بىر ئىش قىلىمەن: خۇددى ئايالى ئېرىنى قوغدىغىنىدەك غەلىتە بىر ئىش يۈز بېرىدۇ.»
سىئون تولغىقى تۇتماي بوشىنىدۇ، ئاغرىق كەلمەستىنلا ئوغۇل تۇغىدۇ.
ئۇ جەننەتتە تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان، ئىنسانلارغا ئېيتىش مەنئى قىلىنغان ئاجايىپ ئىشلارنى ئاڭلىدى.
ئەجدىھا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىگە تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوغۇل بالىنى تۇغقان ئايالنى قوغلاشقا باشلىدى.