3 ئاندىن، ئەرشتە يەنە بىر كارامەت، يەنى يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا كۆرۈندى. ئۇنىڭ يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار ئىدى.
سەن كۆرگەن دىۋىنىڭ ئون مۈڭگۈزى تېخى ھۆكۈم سۈرمىگەن ئون پادىشاھتۇر. لېكىن، بۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ.
چوڭ ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغان ھېلىقى قەدىمىي يىلان ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە يەر يۈزىگە تاشلاندى.
سەن كۆرگەن دىۋە ۋە ئون مۈڭگۈز بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ.
پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: - نېمىگە ھەيران بولۇۋاتىسەن؟ ئايالنىڭ ۋە ئۇ مىنىپ تۇرغان يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك دىۋىنىڭ سىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي.
ئون مۈڭگۈز بۇ پادىشاھلىقتىكى ئون پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھ بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ ئىلگىرىكى باشقا پادىشاھلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئۈچ پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ.
مەن يەنە ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون تال مۈڭگۈز ۋە كېيىن ئۆسكەن مۈڭگۈزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يۇلۇپ تاشلىغانلىقى ھەققىدىكى ئىشلارنى بىلمەكچى بولدۇم. كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى ۋە ئېغىزى بار بولۇپ، تەكەببۇرلارچە پو ئاتاتتى. ئۇنىڭ تەسىرى باشقا مۈڭگۈزلەرگە قارىغاندا چوڭراق ئىدى.
پەرىشتە ئەجدىھانى، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دېيىلگەن ھېلىقى قەدىمىي يىلاننى تۇتۇپ، مىڭ يىللىق كىشەنلىدى.
ئۇ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قۇيرۇقى بىلەن سۈرۈپ، يەر يۈزىگە چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن، ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ، تۇغۇت ئۈستىدىكى ئايالنىڭ ئالدىدا تۇردى.
ئۇ چاغدا، ئەرشتە ئاجايىپ زور بىر كارامەت، يەنى قۇياشنى يېپىنچاقلىغان بىر ئايال كۆرۈندى. ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ ئاستىدا ئاي، بېشىدا ئون ئىككى يۇلتۇزلۇق تاج بار ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئەجدىھانىڭ، دىۋىنىڭ ۋە ساختا پەيغەمبەرنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان پاقىغا ئوخشايدىغان ئۈچ يامان روھنى كۆردۈم.
ئەي پەرۋەردىگار، ئويغىنىپ قولۇڭنى كۆتۈرگەيسەن، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغايسەن. خۇددى بۇرۇنقى زاماندىكىگە ئوخشاش، ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن! دېڭىز مەخلۇقى راخابنى پارچىلاپ تاشلىغان سەن ئەمەسمۇ! قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقىنى سانجىپ ئۆلتۈرگەن سەن ئەمەسمۇ!
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر، زور قۇدرەتلىك قىلىچى بىلەن يۈگۈرۈك يۆگىمەچ يىلان لىۋياتاننى جازالايدۇ. ئۇ، قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقى لىۋياتاننى ئۆلتۈرىدۇ.
ئۇنىڭ كۆزلىرى يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتقا ئوخشايتتى. بېشىدا نۇرغۇن تاجى بار بولۇپ، بەدىنىگە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىسىم يېزىلغانىدى.
بۇنىڭ بىلەن، ئەجدىھا ئايالغا دەرغەزەپ بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا پەرزەنتلىرى، يەنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى تۇتۇپ، ئەيسا مەسىھنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقىدا تۇرغانلىرى بىلەن جەڭ قىلغىلى كەتتى.
ئاقساقاللار ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەرلەر باش بولسا، ساختا پەيغەمبەرلەر قۇيرۇقتۇر.
پۇت بارماقلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ تۆمۈردىن، يەنە بىر قىسمىنىڭ ساپالدىن ياسالغانلىقى بۇ پادىشاھلىقنىڭ تۆمۈردەك كۈچلۈك ھەم ساپالدەك ئاجىز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتە جەڭ بولدى. باش پەرىشتە مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھاغا قارشى جەڭ قىلدى. ئەجدىھامۇ ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئېتىلدى،
ئەجدىھا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىگە تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوغۇل بالىنى تۇغقان ئايالنى قوغلاشقا باشلىدى.
ئاندىن، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ دېڭىزدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا خۇداغا كۇپۇرلۇق كەلتۈرىدىغان ئىبارە يېزىلغانىدى.
مەن كۆرگەن بۇ دىۋە يىلپىزغا ئوخشايتتى، پۇتلىرى ئېيىقنىڭ پۇتلىرىغا، ئاغزى بولسا شىرنىڭ ئاغزىغا ئوخشايتتى. ئەجدىھا دىۋىگە ئۆز قۇدرىتى، تەختى ۋە زور ھوقۇقىنى بەردى.
ئۇلار دىۋىگە بۇنداق ھوقۇق بەرگەن ئەجدىھاغا چوقۇنۇشتى. ئۇلار يەنە دىۋىگىمۇ چوقۇنۇپ، «دىۋىگە تەڭ كېلەلەيدىغانلار بارمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كىممۇ ئېلىشالىسۇن؟» دېدى.
ئاسماندا زور ھەم ھەيران قالارلىق يەنە بىر كارامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە خىل بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىدىغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. خۇدانىڭ غەزىپى بۇ بالايىئاپەتلەر بىلەن ئاخىرلىشاتتى.
سىلى كۆرگەن ساپال بىلەن تۆمۈردىن ياسالغان پۇت ۋە پۇتنىڭ بارماقلىرى بۇ پادىشاھلىقنىڭمۇ پارچىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. چۈشلىرىدە تۆمۈر بىلەن ساپال ئارىلاش ياسالغاندەك، بۇ پادىشاھلىقنىڭمۇ تۆمۈردەك كۈچلۈك تەرىپى بولىدۇ.