15 ئەجدىھا ئايالنىڭ ئارقىسىدىن ئاغزى بىلەن دەريادەك سۇ پۈركۈپ، ئۇنى سەلگە باستۇرۇپ ئېقىتىپ كەتمەكچى بولدى.
كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقىچە بولغان بارلىق ئىنسان پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ھۆرمەتلىسۇن. پەرۋەردىگار خۇددى ئۆزى قوغلىۋەتكەن دەھشەتلىك دەريا ئېقىنلىرىدەك ئېتىلىپ كېلىدۇ.
شۇڭلاشقا مەن پەرۋەردىگار خۇددى فىرات دەرياسىنىڭ شىددەتلىك سۈيىدەك، ئاسسۇر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك قوشۇنلىرىنى ئۇلارغا قارشى باشلاپ كېلىمەن. بۇ قوشۇنلار خۇددى كەلكۈندەك، بوغۇزلارنى بۆسۈپ، قىرغاقلاردىن تېشىپ كېتىدۇ.
ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، ھالاكەت دولقۇنلىرى چۈمكىدى مېنى.
قاراڭلار، پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك ۋە كۈچلۈك بىرسىنى ئەۋەتىدۇ. ئۇ مۆلدۈر، قارا بوران ۋە قارا يامغۇر ئېلىپ كەلگەن كەلكۈندەك كېلىدۇ، بۇ شەھەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ.
تىنچىتىسەن دېڭىزلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، ھەم يات ئەللەرنىڭ توپىلاڭلىرىنى.
پەرىشتە ماڭا يەنە: - پاھىشە ئايال بويىدا ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلارنىڭ ئۆزى مىللەتلەر، قوۋملار، خەلقلەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر.
يىلان پەرۋەردىگار خۇدا ياراتقان جانلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ھىيلىگىرى ئىدى. ئۇ ئايالدىن: _ خۇدا راستتىنلا: «باغدىكى ھەرقانداق دەرەخنىڭ مېۋىسىنى قەتئىي يېمەڭلار!» دېدىمۇ، _ دەپ سورىدى.
بىراق، ھاۋا~ئانىنىڭ ھىيلىگەر يىلان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ ساختا ئەلچىلەر تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ، ئەيسا مەسىھكە بولغان سەمىمىي ۋە پاك قەلبىڭلارنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
چوڭ ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغان ھېلىقى قەدىمىي يىلان ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە يەر يۈزىگە تاشلاندى.
لېكىن، زېمىن ئايالغا ياردەم قىلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ، ئەجدىھانىڭ ئاغزىدىن ئېتىلىپ چىققان دەريانى يۇتتى.
پەرىشتە ئەجدىھانى، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دېيىلگەن ھېلىقى قەدىمىي يىلاننى تۇتۇپ، مىڭ يىللىق كىشەنلىدى.