ۋەھىيلەر 12:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي ئەرش ۋە ئەرشتە ياشىغۇچىلار، خۇشال بولۇڭلار! لېكىن، ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي يەر ۋە دېڭىزلار! چۈنكى، ئىبلىس ئۈستۈڭلارغا تاشلاندى. ئۇ ئۆز ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلىپ، دەرغەزەپكە كەلدى.» Gade chapit la |
ئەي ئەرشئەلا، شادلىنىپ ناخشا ئوقۇڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ناھايىتى ئاجايىپ بىر ئىش قىلدى. ئەي يەر-زېمىن، شادلىق سادالىرىنى ياڭرىتىڭلار! تاغ چوققىلىرى، ئورمانلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق دەرەخلەر، ھەممىڭلار نەغمە-ناۋا قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆزىگە قايتۇردى، ئۇ ئىسرائىلىيەدە ئۇلۇغلىنىدۇ.