Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 12:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 شۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتە جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقى، قۇدرىتى، پادىشاھلىقى ۋە ئۇ تەيىنلىگەن مەسىھنىڭ ھوقۇقى نامايان بولدى. چۈنكى، خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا قېرىنداشلىرىمىزنى كېچە-كۈندۈز ئەيىبلىگۈچى ئەرشتىن تاشلىۋېتىلدى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 12:10
24 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى: - ئەي سىمۇن، سىمۇن! شەيتاننىڭ ھەممىڭلارنى سىناش تەلىپىگە خۇدا ماقۇل بولدى. ئۇ سىلەرنى خۇددى بۇغداي تاسقىغاندەك سىنىماقچى.


ئۇنىڭدىن كېيىن، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى. ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋازلار مۇنداق دەيتتى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە مەنسۇپ بولدى. ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرگۈسى.»


ئاشۇ پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زاماندا، ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا بارلىق پادىشاھلىقلارنى يانجىپ، يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت، شان-شۆھرەت ۋە بۈيۈكلۈك ساڭا مەنسۇپتۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسە ساڭا تەۋەدۇر! ئى پەرۋەردىگار، بۇ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدۇر، سەن ھەممىدىن يۈكسەك ھۆكۈمراندۇرسەن!


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: - ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى.


مۇبادا سەن ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ئېلىپ كەتسەڭ، ئۇ سېنى ئالدىڭدىلا قارغايدۇ، _ دېدى.


شەيتان جاۋابەن: _ ئايۇپ ساڭا سەۋەبسىزلا ئىخلاسمەن بولغانمىدۇ؟


كىم غەلىبە قىلسا، يەنى ئەمرلىرىمگە ئاخىرغىچە ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا پۈتكۈل خەلقلەرگە ھاكىم بولۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن.


لېكىن، ئۇ ماڭا: «مېھىر-شەپقىتىم ساڭا يېتەرلىك؛ مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئاجىز چاغلىرىڭدا تولۇق ئىپادىلىنىدۇ» دېدى. شۇڭا، ھاياتىمدا ئەيسا مەسىھنىڭ قۇدرىتى ئىپادىلەنسۇن دەپ، ئاجىزلىقلىرىمدىن خۇرسەنلىك بىلەن ماختىنىمەن.


ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: - دۇئا قىلغىنىڭلاردا، مۇنداق دەڭلار: «ئى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي. پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدىمۇ نامايان بولغاي.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك. لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر.


پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدە نامايان بولغاي. ئىرادەڭ ئەرشتىكىدەك يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي.


بەرھەق، ئالەمنىڭ پادىشاھلىقى تەۋەدۇر پەرۋەردىگارغا، ئۇ سەلتەنەت يۈرگۈزەر بارلىق مىللەت، ئەللەر ئارا.


سەن ئۇنىڭ تېنىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزسەڭ، ئۇ سېنى ئالدىڭدىلا قارغايدۇ، _ دېدى.


شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارنى ئىخلاسمەنلىكىگە لايىق يۈرۈش-تۇرۇشقا ھەمدە پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشقا چاقىرغىن. ئۇلار باشقىلارغا نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆگەتسۇن.


شۇڭا، سىلەر ھەممە ئېتىقادچىلارنى چاقىرىپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندا، مېنىمۇ سىلەر بىلەن بىللە دەپ قاراپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن


ئى خۇدا، سېنىڭ تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر، سەلتەنەت ھاساڭ، ئادالەت ھاسىسىدۇر.


ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن: «نىجاتلىق تەختتە ئولتۇرغان خۇدايىمىزدىن ۋە قوزىدىن كېلىدۇ» دەپ ۋارقىرىشاتتى.


ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى، دۈشمىنىڭلار بولغان شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلارنى يۇتماقچى بولۇپ، قاتراپ يۈرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite