Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 11:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ھەر مىللەتتىن، ھەر قەبىلىدىن ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەردىن كىشىلەر كېلىشىپ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە ئۈچ يېرىم كۈن تىكىلىپ قارايدۇ ۋە جەسەتلەرنىڭ يەرلىككە قويۇلۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 11:9
14 Referans Kwoze  

پەرىشتە ماڭا يەنە: - پاھىشە ئايال بويىدا ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلارنىڭ ئۆزى مىللەتلەر، قوۋملار، خەلقلەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر.


ئۈچ يېرىم كۈندىن كېيىن، ئىككى پەيغەمبەرنىڭ تېنىگە خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى كىردى، ۋە ئۇلار ئورنىدىن تۇردى. ئۇلارنى كۆرگەنلەر ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى.


كېيىن، پەرىشتە ماڭا: - سەن خۇدانىڭ كۆپ مىللەتلەر، خەلقلەر، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ۋە پادىشاھلار توغرىسىدىكى ۋەھىيلىرىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىشىڭ لازىم، - دېدى.


ئۇنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى يېڭىشىگە يول قويۇلدى. ھەر قەبىلە، ھەر مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى.


بىر باي ئادەم يۈز پەرزەنتلىك بولۇشى ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ ھاياتتىن قانائەت ھاسىل قىلالمىسا ياكى بۇ دۇنيادىن كەتكەندە ھۆرمىتى بىلەن كۆمۈلمىسە، مېنىڭچە بۇنداق ئادەمدىن ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ كەتكەن ھامىلە ياخشىراقتۇر.


يازمىنى ئالغاندا، تۆت تىرىك مەخلۇق ۋە يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قولىدا چىلتار ۋە ئىسرىق بىلەن تولغان ئالتۇن تاۋاق بار ئىدى. بۇ ئىسرىق خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ دۇئالىرى ئىدى.


چۈنكى، سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ.


بۇ خەلقنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى قوغلىۋېتىدىغان ھېچكىم يوقتۇر.


ئەي، باشقىلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۆزى ۋەيران قىلىنمىغانلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي ئالدامچىلار، ئۆزى ئالدام خالتىغا چۈشمىگەنلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ۋەيران قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ۋەيران بولىسىلەر. سىلەر ئالدامچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ئالدىنىسىلەر.


مەن ساڭا: ‹غىزا يېيىشكە، ئۇسسۇلۇق ئىچىشكە بولمايدۇ› دېگەن بولساممۇ، سەن بۇ جايغا قايتىپ كېلىپ، غىزا يەپ، ئۇسسۇلۇق ئىچتىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جەسىتىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىنمايدۇ»، _ دېدى.


ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite