Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 11:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن. ئۇلار قارىلىق كىيىم كىيىپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى بېكىتىلگەن ئەنە شۇ 1260 كۈندە يەتكۈزىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 11:3
43 Referans Kwoze  

ئايال بولسا چۆلگە قاچتى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ 1260 كۈن بېقىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خۇدا تەرىپىدىن ھازىرلاپ قويۇلغان بىر جاي بار ئىدى.


ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىنى ئۆلچىمەي قوي، چۈنكى ئۇ يەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بېرىلدى. ئۇلار مۇقەددەس شەھەرنى 42 ئاي دەپسەندە قىلىدۇ.


دىۋىگە تەكەببۇرلۇق ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان ئېغىز ھەمدە 42 ئاي يۈرگۈزەلەيدىغان ھوقۇق بېرىلدى.


_ بىر ئادەمنىڭ جىنايەت ياكى گۇناھ سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقىغا بىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەنلا ھۆكۈم قىلماڭلار. ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ھۆكۈم قىلىڭلار.


تىرىلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇن ئۆزى بىلەن بىللە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن يېرۇسالېمغىچە ئەگىشىپ كەلگەنلەرگە كۆپ قېتىم كۆرۈندى. ھازىر بۇ كىشىلەر ئىسرائىل خەلقىگە ھەزرىتى ئەيسانىڭ گۇۋاھچىسى بولۇۋاتىدۇ!


بىراق شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس روھ ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرى، ھەتتا دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر.


سىلەر ئەمدى بۇ ۋەقەلەرنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولىسىلەر.


شۇ چاغدا ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە «توۋا قىلىپ يىغلاڭلار! چېچىڭلارنى چۈشۈرۈپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىڭلار!» دېگەن.


ياقۇپ ھەسرەتتە كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ئوغلى ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە ھازا تۇتتى.


بۇ يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشىم بولىدۇ. ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرەرسىنى جازالاش توغرا كەلسە، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «ھەرقانداق ئەرزنىڭ راست-يالغانلىقى ئاز دېگەندە ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئىسپاتلىنىشى كېرەك» دېگەن ئايەت بويىچە قىلىمەن.


بۇ سۆز خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ھەزرىتى ئەيساغا قارىتىلغان بولۇپ، بىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرى.


سىلەرمۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر، چۈنكى سىلەر باشتىن تارتىپ مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار.


لېكىن ئاڭلىمىسا، سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇش ئۈچۈن يەنە بىر-ئىككى كىشىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بارغىن. ھەممە ئىشتا ئىككى-ئۈچ ئادەم گۇۋاھچى بولسۇن.


سىئوننىڭ ئاقساقاللىرى ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا كۈل چېچىپ، يەردە ئۈنسىز ئولتۇرۇپ قالدى. يېرۇسالېم قىزلىرى غەمدىن باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ قالدى.


مەن ماتەملىك كىيىم تىكىپ كىيىپ، شان-شەرىپىمنى توپىغا كۆمۈۋەتتىم.


داۋۇت قارىغانىدى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئارىلىقىدا قولىدىكى قىلىچىنى يېرۇسالېمغا تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. داۋۇت بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ماتەملىك كىيىمگە يۆگەنگەن بولۇپ، ئۇلار يەرگە باش قويدى.


ئاقساقاللار ئىچىدىكى ئەلداد ۋە مېداد ئىسىملىك ئىككى ئاقساقال ئۇچرىشىش چېدىرىغا بارماي قارارگاھلىرىدا قالغانىدى، ئۇ يەردە ئۇلارغىمۇ روھ چۈشتى. ئۇلارمۇ زىكىر قىلىشتى.


ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئايىغىغا باش قويدۇم. لېكىن، ئۇ: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدۇر، - دېدى.


سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى،


شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى ياراتقۇچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق، خۇدا ئۇنى تىرىلدۈردى. بىز مانا بۇ ۋەقەنىڭ گۇۋاھچىلىرى.


مەن ئۇنىڭ ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: «بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل كېتىدۇ. خۇدانىڭ خەلقى ئۇچراۋاتقان بۇ زىيانكەشلىك ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.


لېكىن سىلەر بىرلا ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا، ئاندىن ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرسەڭلار بولىدۇ.


ئاندىن، تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ بەلگىسى پېشانىسىگە ۋە قوللىرىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرەتتى.


ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئىلتىپات قىلىپ، بەزىلەرنى ئەلچى، بەزىلەرنى پەيغەمبەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى، يەنە بەزىلەرنى جامائەتچىلىك مەسئۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچى قىلدى.


شۇڭا، خۇدا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە باشتا ئەلچىلەرنى، ئىككىنچىسىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىلەرنى، ئۈچىنچىسىگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بەرگۈچىلەرنى، ئۇنىڭدىن كېيىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، كېسەللەرنى ساقايتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغانلارنى، باشقىلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرنى، باشقۇرۇش قابىلىيىتى بولغانلارنى ھەمدە ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىيەلەيدىغانلارنى تەيىنلىدى.


يەھيا پەيغەمبەر مۇنداق جاۋاب بەردى: - خۇدا بەرمىسە، ئىنسان ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.


داۋۇت يوئاب ۋە كۆپچىلىككە: «كىيىملىرىڭلارنى يىرتىڭلار، ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، ئابنېر ئۈچۈن ھازا تۇتۇڭلار!» دېدى. پادىشاھ داۋۇتمۇ جىنازىنىڭ كەينىدىن ماڭدى.


ئاخاب ئىلياسنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، روزا تۇتتى. ئۇ ھەر كۈنى ماتەملىك كىيىمى بىلەن يېتىپ قوپۇپ، غەمكىن يۈردى.


پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇمۇ كىيىملىرىنى يىرتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى.


ئوخشاش ئاينىڭ 24-كۈنى ئىسرائىللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، روزا تۇتتى. ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، قايغۇلىرىنى ئىپادىلەشتى.


ماتەم تۇتۇپ، مەيۈسلىنىپ يۈرسەممۇ ئۆزۈم، مەن ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچىكىگە يەنە قالدىم.


بىلىشىڭ كېرەككى، مەن بۈگۈن ساڭا پادىشاھلىقلارغا ۋە ئەللەرگە ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزۈش ھوقۇقىنى بەردىم. سەن بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قومۇرۇپ تاشلىنىدىغانلىقىنى، يىقىتىلىدىغانلىقىنى، ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، ئاغدۇرۇلىدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بولسا قايتا قۇرۇلۇپ، مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى جاكارلايسەن.


ئاندىن سەن 40 كۈن ئوڭ يېنىڭنى بېسىپ يېتىپ، يەھۇدىيە خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۈستۈڭگە ئالىسەن. سەن يېنىڭنى بېسىپ ياتقان كۈنلەرنىڭ سانى ئۇلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن يىللىرىنىڭ سانىدۇر.


ئۇ ئۇلۇغ خۇداغا قارشى گەپ قىلىدۇ ۋە تەقۋادارلارنى ئېزىدۇ. خۇدا بېكىتكەن مۇقەددەس بايراملار ۋە قانۇنلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. تەقۋادارلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل تۇرىدۇ.


يەنە بىرى: «2300 كېچە ۋە كۈندۈزدىن كېيىن ئىبادەتخانا ئەسلىگە كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.


ئەي روھانىيلار، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ھازا تۇتۇڭلار. ئەي قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدىكى خىزمەتكارلار، نالە-پەرياد قىلىڭلار، ئەي خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، كېچىدە ماتەملىك كىيىمىڭلار بىلەن يېتىڭلار. چۈنكى، ئەمدى خۇدايىڭلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرى قالمىدى.


شۇنىڭ بىلەن نىنەۋىلىكلەر خۇداغا ئىشىنىپ، روزا تۇتۇشقا قارار قىلدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، ھەممىسى ماتەملىك كىيىم كىيىپ، توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.


پۈتكۈل ئادەملەر ماتەملىك كىيىم كىيسۇن، ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ كىيدۈرۈلسۇن. ھەربىر ئادەم خۇداغا قاتتىق يالۋۇرسۇن، ھەمدە يامان يوللىرىدىن يانسۇن، زوراۋانلىقتىن قول ئۈزسۇن.


- ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيتسايدالىقلار! سىلەر ئۈچۈن ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى تىر ۋە سىدون دېگەن ياتلار شەھەرلىرىدە ياراتقان بولسام، ئۇ يەرلەردىكى خەلق بۇرۇنلا مەيۈسلەنگەن ھالدا ماتاغا يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ، گۇناھلىرىغا توۋا قىلغان بولاتتى.


- ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيتسايدالىقلار! سىلەر ئۈچۈن ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى تىر ۋە سىدون دېگەن ياتلار شەھەرلىرىدە ياراتقان بولسام، ئۇ يەرلەردىكى خەلق بۇرۇنلا مەيۈسلەنگەن ھالدا ماتاغا يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ گۇناھلىرىغا توۋا قىلغان بولاتتى.


ئۇلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى جاكارلايدىغان كۈنلەردە يامغۇر ياغماسلىقى ئۈچۈن، ئاسماننى يېپىۋېتىش قۇدرىتىگە ئىگە. ئۇلار سۇلارنى قانغا ئايلاندۇرۇش ۋە ھەر خىل بالايىئاپەتلەر بىلەن يەر يۈزىگە خالىغان ۋاقىتتا زەربە بېرىش قۇدرىتىگىمۇ ئىگە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite