12 ئىككى پەيغەمبەر ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ: «بۇ ياققا چىق!» دېگەن لىكىنى ئاڭلىدى ۋە رەقىبلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر بۇلۇت ئىچىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.
ئاندىن، ئاسماندا ئوچۇق بىر ئىشىكنى كۆردۈم. مەن بۇرۇن ئاڭلىغان كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاۋاز: «بۇ ياققا چىق، ساڭا بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى كۆرسىتەي» دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بىر پارچە بۇلۇتنىڭ ئورىۋېلىشى بىلەن، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى.
ئۇلار پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى، بىردىنلا ئوت يالقۇنلاپ تۇرغان ئاتلار قېتىلغان ھارۋا پەيدا بولۇپ، ئىككىيلەننى ئايرىۋەتتى. ئىلياس قۇيۇن بىلەن ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى.
كېيىن ھايات ياشاۋاتقان بىزلەر، يەنى بۇ دۇنيادا ھايات كەچۈرۈۋاتقانلار ئاشۇ ئۆلگەنلەر بىلەن بىرلىكتە رەببىمىز بىلەن ئاسماندا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا كۆتۈرۈلىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز.
ئايال بىر بالا، يەنى پۈتۈن ئەللەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇرىدىغان بىر ئوغۇل تۇغدى. بالا تەختتە ئولتۇرغان خۇدانىڭ ئالدىغا دەرھال ئېلىپ چىقىلدى.
مەن غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇردۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ غەلىبە قىلغۇچىلارغا تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن.
ئۇ يەر ئاستىدا قاتتىق ئازاب چېكىپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراق بىر جايدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى لازارنى كۆرۈپ:
بۇلۇتتەك لەيلەپ كېلىۋاتقان، كەپتەردەك ئۇۋىسىغا قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقان كىم؟
ئەمما پەرۋەردىگارغا تەلپۈنۈپ، ئۈمىد كۈتكەن كىشىلەرنىڭلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار بۈركۈتكە ئوخشاش قانات قاقىدۇ. توختىماي يۈگۈرسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ، قانچىلىك يول ماڭسىمۇ چارچىمايدۇ.
ئېرىخادىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتى ئېلىشانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئۇستازىڭىزنى سىزدىن ئېلىپ كېتىدىكەن، بۇنى بىلەمسىز؟ _ دەپ سورىدى. ئېلىشا: _ بۇنى مەنمۇ بىلىمەن، تىنچ تۇرۇڭلار، _ دېدى.
پەرۋەردىگار ئىلياسنى قۇيۇن بىلەن ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانغا ئاز قالغاندا، ئىلياس بىلەن ئېلىشا ئىككىسى گىلگالدىن يولغا چىققانىدى.
شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ ھەققانىي ئادەم بىلەن رەزىل ئادەمنى، ماڭا خىزمەت قىلغان ئادەم بىلەن قىلمىغان ئادەمنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسىلەر.»
سەن ئۆز-ئۆزۈڭگە شۇنداق دېگەنىدىڭ: «مەن ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ يۇلتۇزلىرىنىڭ ئۈستىگە تەخت قۇرىمەن. مەن ھامان ئىلاھلار يىغىلىدىغان شىمالدىكى تاغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن.
بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ رەزىللەر، ئاچچىقىدا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەر، زەئىپلىشىپ ئۈمىدلىرى ئۈزۈلەر.
كۆرسەت ماڭا شەپقىتىڭنى، ياردەم بەرگىن ئى پەرۋەردىگار، تاپسۇن قەلبىم تەسەللى، بولسۇن شەرمەندە ماڭا ئۆچ بولغانلار.
پەرۋەردىگارنىڭ سىئون تېغىغا كىممۇ چىقالار؟ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا كىممۇ ئىبادەت قىلالار؟
ئى پەرۋەردىگار، كىم كىرەلەر مۇقەددەس چېدىرىڭغا، كىم ساڭا ئىبادەت قىلالار مۇقەددەس سىئون تېغىڭدا؟
پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن ئەللىك ئادەم ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ ئىككىيلەن ئىئوردان دەرياسى بويىدا توختىدى. پەيغەمبەرلەر جامائىتى ئۇلاردىن نېرىراق يەردە تۇختاشتى.
ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى چۈشۈپ قېلىپ، داۋاملىق مېڭىشقا ئامالسىز قالدى. مىسىرلىقلار: _ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا ياردەم قىلىپ، بىزنى مەغلۇپ قىلدى، تېز قاچايلى! _ دېيىشتى.