7 مانا، ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدە كەلمەكتە. ھەممە كۆزلەر، ھەتتا ئۇنىڭ تېنىنى نەيزىلىگەنلەرمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازا تۇتىدۇ. بۇ ئىش جەزمەن بولىدۇ، ئامىن!
ئۇ چاغدا، ئاسماندا ئىنسانئوغلىنىڭ كەلگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنىدۇ، يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر يىغا-زار قىلىشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.
چۈشۈمدە ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسىنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا بۇلۇتلاردا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىرىلدى.
- ھەئە، مەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر.
ئۇ چاغدا، ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىلەر.
كېيىن ھايات ياشاۋاتقان بىزلەر، يەنى بۇ دۇنيادا ھايات كەچۈرۈۋاتقانلار ئاشۇ ئۆلگەنلەر بىلەن بىرلىكتە رەببىمىز بىلەن ئاسماندا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا كۆتۈرۈلىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز.
ئۇلار يەنە بىزگە سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەرشتىن قايتا كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىڭلارنى ئېيتتى. بىزلەرنى خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قۇتقۇزغۇچى دەل ئەيسا مەسىھتۇر.
ئۇ چاغدا، كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ زور كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
ئادەم~ئاتىنىڭ يەتتىنچى ئەۋلادى بولغان ھانۇخ بۇ كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق دەپ ئالدىن ئېيتقان: «قاراڭلار، رەببىمىز تۈمەنمىڭلىغان مۇقەددەس پەرىشتىلىرى بىلەن كەلمەكتە.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك. لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر.
مانا بۇلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئەيسا مەسىھ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق، پات يېقىندا كېلىمەن!»«ئامىن! كەل، يا رەببىم ئەيسا!»
قورشاۋغا ئالدى مېنى بىر توپ رەزىللەر، ئەتراپىمنى ئورىۋالدى ئاشۇ ئىتلار، پۇت-قوللىرىمنى تەشتى ئۇلار.
قەدىرلىك قېرىنداشلار، بىز ھازىر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز، لېكىن كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىمىز تېخى بىزگە ئوچۇق ئايان قىلىنمىغان. بىراق، ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى، شۇ چاغدا ئۇ قانداق بولسا، بىز ئۇنى شۇ پېتى كۆرىمىز.
سىرلىق ۋە پىنھانلىق ئارا تۇرار پەرۋەردىگار، ھەققانىيەت، ئادالەتتە تەختى ئۇنىڭ مەزمۇت تۇرار.
ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى كۈچكە ئىگە قىلغان ۋە ئۆزىنى پاكلىغان قانغا سەل قارىسا، ئۆزىگە شەپقەت قىلغان مۇقەددەس روھنى ھاقارەت قىلسا، تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق بولمامدۇ؟!
ئۇ دۇئا قىلسا، خۇدا خۇرسەن بولىدۇ. ئۇ خۇشال ھالدا خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، خۇدانىڭ نەزىرىدە يەنە بىر قېتىم ھەققانىي ئادەمگە ئايلىنىدۇ.
بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: قاراڭلار! پەرۋەردىگار مىسىرغا ئۇچقۇر بۇلۇتقا مىنىپ كېلىدۇ. مىسىرنىڭ بۇتلىرى تىترىشىدۇ، مىسىرلىقلارنىڭ يۈرەكلىرى قورققىنىدىن سۇ بولۇپ كېتىدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى زوردۇر، ئۇ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدۇ، لېكىن ئۇ گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايدۇ. ئۇ بوران ۋە قۇيۇن ئىچىدە يۈرەر، بۇلۇتلار ئۇنىڭ ئاياغلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزانلاردۇر.
بىراق، لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىسىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى.
غايىبانە ئالامەتتە ئۇنى كۆردۈم، لېكىن ئۇ ھازىر بۇ يەردە ئەمەس، ئۇنىڭغا قارىدىم، لېكىن ئۇ يېقىنمۇ ئەمەس. دېمەك، بىر يۇلتۇز چىقار ياقۇپ نەسلىدىن، بىر سەلتەنەت ھاسىسى چىقار ئىسرائىلىيەدىن. ئۇ موئابنىڭ پېشانىسىنى ئۇرۇپ يارىدار قىلار، شېتنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرىنىڭ بېشىنى چېقىپ تاشلار.
ھەرىكەت قىلغان بولسا ئىدى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرى تىرىپىرەن بولار ئىدى. ئۆچمەنلىرى ھەر تەرەپكە قاچار ئىدى.
ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىڭ شۇ تەرىقىدە يوقالغاي! دوستلىرىڭ كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك قۇدرەتكە تولغاي!» شۇنداق قىلىپ بۇ زېمىن 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.
ئۇلار خۇدانىڭ جامالىنى كۆرىدۇ، خۇدانىڭ نامى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىگە يېزىلىدۇ.
ۋەھالەنكى ئۇلار خۇدادىن ۋاز كەچتى، خۇدانىڭ ئوغلىنى رەت قىلدى. بۇ، خۇدانىڭ ئوغلىنى كرېستكە قايتا مىخلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا داغ كەلتۈرگەن بىلەن باراۋەردۇر.
ئۇ كۈن كەلگەندە، يېرۇسالېمدا كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد خۇددى مىگىددو تۈزلەڭلىكىدىكى ھاداد-رىممون دېگەن جايدا كۆتۈرۈلگەن داد-پەريادقا ئوخشاش كۈچلۈك بولىدۇ.
ئىنسانئوغلى بولغان مەن ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىمەن.
بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى ئىچىدە كەلگەنلىكىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ.
- ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە پۈتۈن پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، پادىشاھ بولۇپ شەرەپ تەختىدە ئولتۇرىدۇ.